جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
20:34:35 2024-01-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى چوڭ ئىش. 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بوران- چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق تولۇق ئىسپاتلايدۇكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىش يۆنىلىشى بولۇشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن سان فىرانسىسكودا ئۇچرىشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان فىرانسىسكو مەنزىلى»نى ئېچىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن بايدېن زۇڭتۇڭ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلاپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

 بايدېن تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: 1979- يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم پۇرسەت ياراتتى. مەن بۇ مۇھىم مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمەن. مەن ئىلگىرىكى رەھبەرلىرىمىز ھەم بىز كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125