قار ۋىرۇسنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرەلەمدۇ؟ قار ياغسا ئاغرىپ قالىدىغانلار ئازىيامدۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋال كەلدى!
16:21:30 2024-01-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىندا يۇقىرىقى نەپەس يولىدىكى ھەر خىل يۇقۇملىنىشلار كۆپچىلىكنى كۆپ قىينىدى، «قار ياكى يامغۇر ياغسا، كېسەل بولىدىغان كىشىلەر ئازىيىدۇ» دەيدىغان بىر قىسىم قاراشلارمۇ يەنە تىلغا ئېلىندى. بۇنداق قاراش راستىنلا ئىشەنچلىكمۇ؟ بۈگۈن تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىمىز.

ھاۋا رايى ۋە كىلىماتنىڭ نەپەس يولى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە تارقىلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ناھايىتى كۆپ، لېكىن ئەڭ ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنغىنى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن. قار يېغىش بىر خىل ھاۋارايى ئەھۋالى، لېكىن ئەمەلىيەتتە، قار ياغقاندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ، نەملىك ئۆزگىرىدۇ، نۇرغۇن تەتقىقاتلار بار، ئوخشاش بولمىغان بۇ پارامېتىرلارغا قارىتا ئىنتايىن كۆپ تەتقىقات ئىشلىنىپ، ھاۋا رايى ۋە كىلىماتنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا بولغان تەسىرى تەتقىق قىلىندى.

ئالدى بىلەن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى چوقۇم ئەڭ روشەن ئۆزگىرىش. تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بۇ خۇددى توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا تېخىمۇ ئۇزاق ساقلىغانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا سوۋۇغاندا، بۇرنىمىزدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ئازىيىدۇ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئاجرالمىلار تېخىمۇ ئازىيىدۇ، بۇرۇن تۈكىنىڭ بۇرۇندىكى مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاش ئىقتىدارىمۇ ناچارلىشىدۇ. بۇ، ۋىرۇسنىڭ بىزنىڭ نەپەس يولىمىزدا تېخىمۇ ئاسان ماكانلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بىزنىڭ قار يېغىشنى ئۈمىدقىلىشىمىزدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، قار ياغقاندا بىز ئادەتتە ھاۋانىڭ تېخىمۇ پاكىزلىشىپ، تېخىمۇ ساپلىشىپ قالغانلىقىنى، ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن چاڭ- توزاننىڭ ئازايغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە، ھاۋادىكى لەيلىمە سۇيۇقلۇق تامچىسى بىلەن ۋىرۇسنىڭ ياشاش مۇناسىۋىتى پەقەت «تۆۋەنگە تىنىپ قېلىشنىڭ ۋىرۇسنى ئازايتىشى»دەك ئاز باغلىنىشلا ئەمەس.

گەرچە دانچە ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، كۆزىمىز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان چاڭ- توزان ئازىيىشى مۇمكىن، لېكىن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان لەيلىمە دانچىلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن. چوڭ دانچىلەر تېز سۈرئەتتە تىنىدۇ، لېكىن بىۋاسىتە يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەر يۈزىدىن ئازراق يۇقىرى بولغان بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرىدۇ، بۇ ئەكسىچە يۇقۇملانغۇچى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئاشكارىلىنىشقا دۇچار قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ھاۋادىكى لەيلىمە دانچىلەر بىر قەدەر كىچىك بولسا، ۋىرۇس بىر قەدەر يۇقىرى گورىزونتال ئورۇنغا ئۇچۇپ بېرىپ، ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق تېخىمۇ ئۇزۇن ئارىلىققا تارقىلىدۇ.

بۇرۇن بوشلۇقى ئىممۇنىتېت مېخانىزمى سوغۇقنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى 

خارۋارد تىببىي شۆيۈەنى يېقىندا بىر تۈرلۈك بۇرۇن ئىممۇنىتېت مېخانىزمى توغرىسىدىكى يېڭى تەتقىقاتنى ئېلان قىلدى، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ماھىيەتتە بىزنى تېخىمۇ ئاسان نەپەس يولى يۇقۇملىنىشقا دۇچار قىلىدىكەن.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بۇرۇن ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە، بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە مۇداپىئە مېخانىزمىنى قوزغىتىدىكەن. بۇ مېخانىزم خۇددى بۇرنىمىزدىكى كىچىك قوغدىغۇچىغا ئوخشايدىكەن، ئۇلار كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى بايقىغاندا، تېزلىكتە بىر خىل ئالاھىدە كىچىك كۆپۈكچە (ھۈجەيرە سىرتقى خالتىلىق پۈۋەكچە) چىقىرىدىكەن، بۇ كۆپۈكچىلەر باكتېرىيەنى قورشىۋالىدىكەن ھەم ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىكەن. بۇ خۇددى ئەسكى نەرسىلەر بۇرنىمىزغا كىرگەندە، بۇ كۆپۈكچىلەر خۇددى غەزەپلەنگەن ھەرىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغىنىغا ئوخشايدىكەن.

تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ كۆپۈكچىلەرنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، يەنە بەزى ئالاھىدە باكتېرىيەگە قارشى ئاقسىللارنى بۇرۇننىڭ ئالدى قىسمىدىن ئارقا قىسمىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى، ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەلەر توردىن چۈشۈپ قالغان بېلىقتەك كۆپۈكچىلەر تورىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇلار بۇ ئاقسىللار ئارقىلىق ئىككىنچى قاتلاملىق قوغدايدىغانلىقىنى بايقىغان.

لېكىن، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، بۇرۇننىڭ ئىچى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە، بۇنداق قوغداش مېخانىزمى ئاجىزلاپ، كۆپۈكچىلەرنىڭ سانى ۋە ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن قىشتا نەپەس يولىمىزنىڭ ئاسانلا يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

قار ياغقاندا كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىشتا پەقەت بىر خىل ئۇسۇللا بار

بايا بىز ئايرىم- ئايرىم ھالدا ۋىرۇس ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، قار يېغىش ياكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەش نەپەس يولى يۇقۇملىنىشنىڭ تارقىلىش پۇرسىتىنى بىۋاسىتە ياخشىلىيالماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر قار ياغسا كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ دېيىلسە، پەقەت بىرلا خىل ئۇسۇللا بولۇشى مۇمكىن، يەنى بەزىلەر قار ياغقان كۈنى ئۆيدىن چىقماي باشقىلار بىلەن ئۇچراشمايدۇ.

ئەگەر شىۋىرغان ياكى قاتتىق سوغۇق بولسا، ناچار ھاۋارايىدا كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئۆيدە ئولتۇرۇپ، بارلىق جەمئىيەت ئالاقە تۇرمۇشىنى ئۈزىدۇ، مەسىلەن، ئىشقا بارمايدۇ، مەكتەپكە بارمايدۇ، كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقمايدۇ، سىرتقا چىقىپ ئايلانمايدۇ، سىرت بىلەن ئۇچرىشىش ئازايسا، تەبىئىي ھالدا كېسەللىكنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن.

بىز بىر قېتىملىق ئازراق قار ياكى ئوتتۇراھال قار يېغىش سەۋەبىدىن تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز، ئەكسىچە سىرتتىكى پائالىيەت قولايسىز بولغاچقا، ئۆي ئىچىدىكى يېپىق بوشلۇقتا پائالىيەت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىمىز، مەسىلەن، ئەسلىدە باغچىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلەتتۇق، قار ياغسا چايخانىغا بېرىپ شاھمات ئوينايمىز. بۇنداق ئەھۋال دەل ۋىرۇسنىڭ ساقلىنىش ۋە تارقىلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، قار ياغقان سوغۇق ھاۋادا، كۆپچىلىك دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا ئاسانلا سەل قارايدۇ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۆي ئىچى بوشلۇقىدا تارقىلىش خەۋپىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

روشەنكى، پەقەت «ھاۋانىڭ تېخىمۇ پاكىز بولۇپ»، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىشنىلا ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇنداق ئاددىيلاشتۇرۇلغان لوگىكا پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس.

نورمال ۋە ساغلام ياشاش كېرەك

نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بىزگە ناھايىتى تونۇش.

قولنى پات- پات يۇيۇش: سوپۇن ۋە سۇ بىلەن قولنى ئاز دېگەندە 20 سېكۇنت يۇيۇش، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا تۇرغاندا، تاماق يېيىشنىڭ ئالدى- كەينىدە، يۈزنى سىلاشتىن بۇرۇن ھەمدە ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن يۇيۇش كېرەك.

ماسكا تاقاش: كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايدا ماسكىنى تاقىغاندا، بىر قەۋەت «بۇرۇن تۈكى» كۆپىيىدۇ.

ئىممۇنىتېتلىق ئەملەش: مۇناسىۋەتلىك ۋاكسىنىلارنى ۋاقتىدا ئەملەش كېرەك.

تۇرمۇش قانۇنىيىتىنى ھاۋانىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن ئۆزگەرتمەسلىك، يېمەك- ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ۋە يېتەرلىك ئۇخلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچى.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125