«ۋاڭخۇڭلۇق ئىمتىيازى»دىن قالايمىقان پايدىلىنىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش كېرەك!
20:19:05 2024-01-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «نۆۋەتچى ئايروپىلان بەش سائەت كېچىكتۈرۈلدى، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ماڭا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.» يېقىندا، بىر ئەر نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ۋاڭخۇڭ سالاھىيىتىنى كۆز- كۆز قىلىپ، ئايروپىلان خانقىزىنى ئەيىبلىدى، ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئىسمىنى سوراپ، كېيىن يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا سىن ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. 

 ۋاڭخۇڭ سالاھىيىتىنى دەستەك قىلىپ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئىلگىرى، بىر ۋاڭخۇڭ موتوسىكلىت مىنىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقماقچى بولۇپ توسۇۋېلىنغاندا يىقىلغان، ئارقىدىن ئۇ توردا ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن سىن يوللاپ كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى مەززىلىك تائاملار بىلوگ ئىگىلىرى «ئاشخانىلارنى زىيارەت قىلىش»نى دەستەك قىلىپ، پۇل تۆلىمەي تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلغان ...

 ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى دەۋرىدە، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشى بىلەن بىر قىسىم ۋاڭخۇڭ نۇرغۇن مەستانىنى توپلاپ، بەلگىلىك شەخسىي تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، مەستانىلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىپ قوللىشى بىلەن، ئاممىۋى پىكىر مەيدانىدا بىر قەدەر كۈچلۈك سادالارنى بايان قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلىشى ياكى ھوقۇقىنى قوغدىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

 ۋاڭخۇڭلار ئورۇنلۇق دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلىسە، كەڭ مەستانىلەر، جۈملىدىن ئادەتتىكى تورداشلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئۇلار ئۈچۈن سۆزلەشنى خالايدۇ، چۈنكى بۇمۇ جەمئىيەت قائىدىسىنى قوغدىغانلىق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر مىليون مەستانىسى بار ئايال ۋاڭخۇڭ توغرىسىدا سېرىق مەزمۇندىكى پىتنە- ئىغۋا تارقالغاندىن كېيىن، توردا ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىغاندا، تورداشلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەنىدى. 

 ئەمما نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەن ئىشتا، بۇ ۋاڭخۇڭنىڭ ئۇسۇلى چەكتىن ئېشىپ، يوللۇق دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەشتىن ھالقىپ كەتتى. نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەندە، ۋاڭخۇڭ يولۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئەمما، ئۆزىنىڭ ئالدىن ئايروپىلانغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىش يولسىزلىق قىلغانلىق بولىدۇ؛ قىزىشقان ھالدا خىزمەتچى خادىمنى ھاقارەتلەشمۇ باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىشقا چېتىلىدۇ. بۇنى «ھوقۇقنى قوغداش»دېگەندىن كۆرە، ئوچۇقتىن- ئوچۇق سۆلەتۋازلىق قىلىپ، ۋاڭخۇڭ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىيازغا ئېرىشىش دېگەن تۈزۈك.

 مەيلى خىزمەتچى خادىمنى ھاقارەتلەش بولسۇن ياكى پۇل تۆلىمەي تاماق يېيىش بولسۇن، بەزى ۋاڭخۇڭلار «ئەتىۋارلىنىشتىن مەغرۇرلىنىپ»، مەستانىلىرىم كۆپ، شۇڭا ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشۇم كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، تەسىر كۈچىنى دەسمايە دەپ قارىۋالىدۇ.

 بۇنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭقۇر رېئاللىق شۇكى، يېڭى تاراتقۇ تېخنىكىسى ئادەتتىكى كىشىلەرنى بىر كېچىدىلا نام چىقىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاددىي خەلق ئارىسىدىن چىققان ۋاڭخۇڭلارنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈردى. لېكىن بەزى ۋاڭخۇڭلارنىڭ مەستانىلىرى سانىنىڭ ئېشىشى، تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ، قائىدە ئېڭى، قانۇن ئېڭى ماس قەدەمدە ئۆسمىدى. ئەكسىچە ئېقىم مىقدارى ئېلىپ كەلگەن كۈچ ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلاردا ۋاڭخۇڭلاردا ئىمتىياز بولۇشى كېرەك، دەيدىغان خاتا تۇيغۇنى پەيدا قىلىپ قويدى.

 «ۋاڭخۇڭلۇق ئىمتىيازى»نىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئېنىقكى، بىر ناچار ئۈلگە. چۈنكى، بىر تەرەپتىن، ۋاڭخۇڭلارنىڭ بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىمتىيازنى كۆز- كۆز قىلىشى باشقا ۋاڭخۇڭلارنىڭ شامالغا ئەگىشىپ دورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ، يامان نەرسىلەر ياخشى نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاڭخۇڭلار ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا پىكىر بايان قىلىپ، دائىرىدىن ھالقىپ دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەيدۇ ياكى ئالاھىدە تەمىناتنى كۆزلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مەستانىلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئوڭايلا ھەق- ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، ئاممىۋى بايلىقنى ئىگىلىۋالىدۇ.

 ھېلىمۇ ياخشى ئاممىنىڭ كۆزى روشەن. بەزى ۋاڭخۇڭلار مەستانىلىرى كۆپ بولسا، مەستانىلىرى ئۆزىنىڭ يولسىزلىق قىلىشىغا يول قويىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇنىڭ نەتىجىسى دەل ئەكسىچە، ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىدىغان بۇ دېلو مىساللىرى ئاساسىي جەھەتتىن «مەغلۇپ» بولدى. ۋاڭخۇڭ توپلىغان تەسىر كۈچى ئۇنى ئىمتىيازغا ئېرىشتۈرەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ نادانلىقى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى ئالاقە تورىدا ئاشكارىلاپ، ئاخىرىدا ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى. 

 شۇڭا، بۇ كەڭ ۋاڭخۇڭلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، مەستانىلەر كۆپەيسە، قائىدە ئېڭى، قانۇن ئېڭىمۇ تەڭ ئۆسۈشى كېرەك. ۋاڭخۇڭ سالاھىيىتى ئىمتىيازنى يۈرگۈزىدىغان يول خېتى ئەمەس، جەمئىيەت قائىدىسىدىن ھالقىغان دەسمايە ئەمەس. ئەكسىچە، تەسىر كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، قانۇن- نىزاملارغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، كەڭ مەستانىلەرگە ئۈلگىلىك رول ئوينىشى كېرەك، بولمىسا ئېقىم مىقدارىدىن قۇرۇق قالىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقە تورى سۇپىسىمۇ ۋاڭخۇڭلارنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىكتورلارنى تەربىيەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاڭخۇڭلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتى، يۈرۈش- تۇرۇشىنى كۈچلۈك چەكلەپ، ئۇلارنى قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.  

 پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125