شى جىنپىڭ ئىراندا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىراندا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، ئىراننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.