يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك قىلايلى
09:57:55 2024-01-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 − ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

   گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت- مائارىپ ساھەلىرىدە، ھەرقايسى تەرەپلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك».

ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى بىر قاتار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېتەكچىسى ۋە كاپالىتى. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل» «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا»نى قەتئىي توسۇپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتقاندىلا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىلى، رەھبەرلىك بەنزىسىدىن ئىبارەت ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بۇ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمى ۋە قوماندانلىق ئىشتابىغا كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى، كادىرلارنىڭ غول، تايانچلىق رولى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ ۋە قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئىقتىسادنىڭ ئارقىسىدا كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىي بار. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» سىياسىي ساپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەلەپلىرى ۋە تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق قاراش ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئارغامچا قىسقا بولسا چوڭقۇر قۇدۇقتىن سۇ ئالغىلى بولمايدۇ، سۇ تېيىز بولسا چوڭ كېمىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن ئىقتىدار، ماھارەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ھالدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ، تىكلەش بىلەن قالدۇرۇشنىڭ، ھادىسە بىلەن ماھىيەتنىڭ، يىراق بىلەن يېقىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن ھېسابلاشماسلىقنى توسۇش، ھەم كونىلىققا ئېسىلىۋېلىپ يولغا تايىنىۋېلىش، ئىنېرتسىيەلىك چەكلىمىگە پېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىشنى خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتىشتىكى «بۆسۈش ئېغىزى» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئىسلاھاتنىڭ تەقەززاسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى مەسىلىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدىغان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

قانداق خىزمەت ئىستىلى بولسا، شۇنداق تەرەققىيات ئۈنۈمى بولىدۇ. كادىرلار ئىستىلى ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور سىياسىي نەتىجە دەپ بىلىپ، ھوقۇق قارىشى يادلىشىش، سىياسىي نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىش، كەسىپ قارىشى ئېغىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزىتىپ، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى ئۇنتۇپ قېلىشتەك خاتا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. باشتىن- ئاخىر يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئېغىر، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى قارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان قويۇق كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ كەم - كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، دادىل ئىش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ  ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىز يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان روھىي ھالەت، قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان غەيرەت- شىجائەت بىلەن، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى جاسارەت بىلەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125