جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
22:33:49 2024-01-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 (2024- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىدىن 132 كىشى قاتناشتى، 238 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2023- يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، 2024- يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يولداش لى شىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتايلى» تېمىسىدىكى خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

 ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: سۆزدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى ئۈچ زور مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر «توققۇز جەھەتتىكى» ئەمەلىيەت تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە سىجىل كۈچەش ۋە ئۇنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈلدى ۋە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقى تولۇق نامايان قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىگە يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مول ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى ۋە مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. يىغىندا بىردەك مۇنداق بىلدۈرۈلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023- يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، شۇنداقلا ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى بەنزە، يېڭى كەيپىيات، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى نەتىجە» توغرىسىدىكى ئۈمىدى، تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى بۇرچ، مەسئۇلىيەت قىلىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى نىشان يۆنىلىشى قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، باشتىن- ئاخىر قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى بىلەن سىياسىي نازارەتچىلىك، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى بىرىنچى دەرس قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق قىيىن تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بەش يىللىق پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلىدى. باش تېما تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش- تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»تىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقتى. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىسى، ئالىي مەكتەپ، تەنتەربىيە، تاماكا، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ئاشلىق سېتىۋېلىش- سېتىش، ئىستاتىستىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىستېمىلىق چىرىكلىك خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قەتئىي تۈگىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇتلەق غەلىبىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش بىلەن يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش- نازارەت قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تولۇق قاپلىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىدى. پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەملىشىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەھلىل قىلىنىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ھەقىقىي ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەپ، مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار ئىجادىي خاراكتېرگە، بەلگە خاراكتېرىگە ئىگە يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مۇھىم ئىدىيە پارتىيەمىز «نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدۇ» دېگەن زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلىشى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛ پارتىيەمىز «نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدۇ» دېگەن زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنچى جاۋاب»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى؛ پارتىيەمىز «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قانداق ئالغا سىلجىتىدۇ» دېگەن زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشتىكى پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم كۈچ، چوڭقۇر ھېسسىياتنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، مۇستەھكەم ئېتىقادنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، كۈچلۈك بۇرچنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بۇ يىل ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش- تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 بىرىنچى، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈشتىكى باش تېما، ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىنى، كوللېكتىپ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ھەم قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئىدىيە تېپىپ، پىكىر يولى تېپىپ، چارە تېپىپ، تەدبىر تېپىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 ئىككىنچى، «ئىككىنى قوغداش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دىققەتنى سىياسىي سادىقلىق، سىياسىي بىخەتەرلىك، سىياسىي مەسئۇلىيەت، سىياسىي مەيدان، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئېغىشنى قەتئىي تۈزىتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى زىچ چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قايتا قاراپ چىقىشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

 ئۈچىنچى، چىرىكلىشىشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقى، شارائىتىنى يوقىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە سىجىل كۈچەپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋاملىق ھالدا نۇقتىلىق مەسىلىلەر، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق ئوبيېكتلار، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىككە داۋاملىق چىڭ قادىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىچىلار تىل بىرىكتۈرۈۋالىدىغان چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىسى، ئېنېرگىيە، تاماكا، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ئۇل قۇرۇلۇش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك. دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاكلىق شەرەپ، خىيانەتچىلىك نومۇس دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق پارا بەرگۈچىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قورال ساندۇقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلار ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلە يىپ ئۇچى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر دۆلەت قانۇن چىقىرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 تۆتىنچى، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئالاقىسىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشكە قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئومۇمنى شىلىش»، «ئاشخانىنى شىلىش»، «لوبەننى شىلىش»، «قول ئاستىدىكىلەرنى شىلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. تۆت خاھىش ۋە چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەم «تۆت خاھىشتىن كېلىپ چىققان چىرىكلىكنى تەكشۈرۈش» ھەم «چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان تۆت خاھىشنى تۈزىتىش» كېرەك. كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەپ، رەھبىرىي ئورگانلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تەسىر يەتكۈزۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش، ھوقۇق قارىشى بۇرمىلانغان سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەش كېرەك.

 بەشىنچى، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامىغا كۆڭۈل قويماسلىق، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. «تۆت خىل ھالەت»نى قېلىپلاشتۇرۇپ تەتبىقلاشنى يۆنىلىش قىلىش ئارقىلىق ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خاراكتېرىنى دەل جايىدا بېكىتىش، جازانى دەل جايىدا ئۆلچەش، قانۇننى دەل جايىدا ئىجرا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، پۇختىلاشنى تۇتقا قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان مەسئۇلىيەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

 ئالتىنچى، سىياسىي ئورۇن بېكىتمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىش- تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆزىتىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ كۆزىتىش، ھەمتۈرتكىلىك كۆزىتىش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆزىتىشكە قارىتا بۆلەككە ئايرىپ، كەسىپكە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىش بەلگىلىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنىڭ پۈتۈن دەۋرىيلىكىنى قاپلىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە تۈزۈم تەرتىپىنى ئورنىتىش كېرەك.

 يەتتىنچى، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئاپپارات تەسىس قىلىش، فۇنكسىيە سەپلەش، كۈچ سەپلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى بىلەن يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۆلكىگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە دۆلەت كارخانىلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنى تۇرۇشقا ئەۋەتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىك لىنىيەلىك باشقۇرىدىغان سىستېمىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلاردا ۋەزىپىگە چېتىشلىق جىنايەتلەرگە چېتىلغان دېلولارنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە رېۋىزىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «گۇرۇپپا بىلەن گۇرۇپپا» ماسلىشىپ نازارەت قىلىش، «ئىشخانا بىلەن گۇرۇپپا» ھەمتۈرتكە بولۇپ نازارەت قىلىش، «ئىشخانا، گۇرۇپپا، يەرلىك» بىرلىشىپ دېلو بېجىرىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش خىزمەت تەرتىپى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەملىشىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىش، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈرلۈك كەسىپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن خىزمەت سۇپىسى قۇرۇش كېرەك.

 سەككىزىنچى، ئۈزۈل- كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن سىستېمىنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، سىياسىي تەربىيە، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇش، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇش، مۇتلەق ساپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستىل جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى قائىدە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قەتئىي ئادا قىلىش كېرەك. پاكلىق جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دائىملاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، قوشۇنغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زىيانداش ئۇنسۇرلارنى تازىلاپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، كادىرلارنى دائىملىق نازارەت قىلىشنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، رېۋىزورلارنى كەسپىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر يۈرۈشلەشكەن تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيىتىنى خاتىرجەم ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى!

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿依努尔·阿布力米提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125