باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى
10:15:14 2024-01-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مول ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى ۋە مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، قالتىس نەزەرىيەۋى جاسارىتى، ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل- پاراسىتى، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان يۈكسەك مۇھەببىتى بىلەن، پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەپ، مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار ئىجادىي، بەلگە خاراكتېرلىك يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مۇھىم ئىدىيە پارتىيەمىز «نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدۇ» دېگەن مۇھىم مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلىشى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈپ ۋەزىپىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيەمىز «نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدۇ» دېگەن مۇھىم مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنچى جاۋاب»تىن ياخشى پايدىلىنىش، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى؛ پارتىيەمىز «ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قانداق ئالغا سىلجىتىدۇ» دېگەن مۇھىم مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشى، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشىدىكى پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلىپ بەردى. بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ جەۋھىرى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات، مۇستەھكەم ئېتىقاد، كۈچلۈك بۇرچ بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشنى كۈچەيتىش، مەنىۋى مەنزىل ۋە ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىدىيەۋى ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۇنىڭدىن ئىدىيە تېپىپ، پىكىر يولى تېپىپ، ئۇسۇل تېپىپ، تەدبىر تېپىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ «توققۇز جەھەتتىكى» ئەمەلىيەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىر سەپ، ھەربىر ھالقىدىكى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى كونكرېت تۇتۇش، چوڭقۇر تۇتۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى بويسۇندۇرۇش، مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ قەتئىيلىكى، ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقىشنى ئىستراتېگىيەلىك نىشان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، «ئالتىدە قانداق قىلىپ باشتىن- ئاخىر بولۇش»نى زىچ چۆرىدەپ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا چوڭ پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يول قىلىپ، مەزمۇن جەھەتتە تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىش، ئوبيېكت جەھەتتە تولۇق قاپلاش، مەسئۇلىيەت جەھەتتە پۈتۈن زەنجىرلىك بولۇش، تۈزۈم جەھەتتە تولۇق تۇتاشقان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەسىلىلەرنى بايقايدىغان، ئېغىشنى تۈزىتىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۈچلۈك تەشكىلات بەرپا قىلىش، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قىلىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، قاتتىق بولغان ئاساسىي رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولغان كەيپىياتتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق يېتەكلەپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق كاپالەتنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاش ئارقىلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق بولۇشىغا، قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مېغىزىنى ئېلىپ قېلىپ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزىدىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش بىلەن خەلق نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى نازارەتچىلىك، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن باشقىلار قاتتىق تەلەپ قويۇشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى، بىر- بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېڭى ئىدىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلماقتا، يېڭى مۇساپە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئالاھىدە سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، دادىللىق، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشتەك پولات قوشۇن خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿依努尔·阿布力米提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125