شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ خاسىنانىڭ بېنگالنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
لى چياڭ زۇڭلى خاسىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەيخ خاسىناغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېنگال ئەنئەنىۋى دوست، قوشنا دۆلەتلەر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 49 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت- سائادەت ئېلىپ كەلدى. بۇلتۇر 8- ئايدا، مەن زۇڭلى خاسىنا بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جوھاننىسبۇرگتا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو- بېنگال مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو بىلەن بېنگال ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو- بېنگال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ زۇڭلى خاسىناغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.