​شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن لېسوتونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن لېسوتو پادىشاھى لېزىيې Ⅲ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
19:15:34 2024-01-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن لېسوتو پادىشاھى لېزىيېⅢئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لېسوتو بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر- بىرىنى قوللاپ، ھەر قايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، چوڭ- كىچىك دۆلەتلەر دوستانە بىللە ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەن جۇڭگو- لېسوتو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ لېزىيې Ⅲ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- لېسوتو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

 لېزىيې Ⅲ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 30 يىلدا، لېسوتو- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى دۆلەت تىنچ بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا، مۇستەھكەم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇردى. لېسوتو تەرەپ ئۇلۇغ جۇڭگو بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، لېسوتو- جۇڭگو دوستلۇقى ۋە دوستانە ھەمكارلىقىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

 شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بىلەن لېسوتو باش ۋەزىرى مات كائىن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو- لېسوتو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، لېسوتو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو- لېسوتو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 مات كائىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو لېسوتو تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، شۇنداقلا دائىملىق دوستى. لېسوتو تەرەپ داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125