سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توغرىسىدىكى بۇ تۇزاقلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ
16:19:58 2024-01-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئۇزاق ۋاقىتلىق پۈتۈشىدۇ ياكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى تەكرار پۈتۈشىدۇ.

بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى باھانە قىلىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن مائاش بېرىدۇ ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرمايدۇ.

يەنە بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپلەپ تەكلىپ قىلىپ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىر قەدەر تۆۋەن مائاش بىلەن پۈتۈشۈپ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن خىزمەتتىن بوشىتىدۇ، «سىناپ ئىشلىتىشتىن پايدىلىنىپ، راست ئىشقا سالىدۇ».

ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى

1. قانۇندا بەلگىلەنگەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىگە خىلاپ ھەرقانداق پۈتۈم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

2. ئەمگەك توختامى مۇددىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پەقەت بىر قېتىملا پۈتۈشىدۇ؛ مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى مۇددەت قىلغان ئەمگەك توختامى ياكى ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئايغا توشمىغان بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ؛ ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا پۈتۈشۈلگەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، بۇ مۇددەت ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى بولىدۇ.

3. سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى نورمال تاپشۇرۇش، مائاش سەۋىيەسى شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ئىش ئورنىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىدىن تۆۋەن بولماسلىق ياكى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاشنىڭ %80دىن تۆۋەن بولماسلىق ھەم شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك.

قانۇنغا خىلاپ ھالدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشسە، تۆلەم پۇلى بېرىلەمدۇ؟

«ئەمگەك توختامى قانۇنى» نىڭ 83- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ پۈتۈشكەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئادا قىلىنغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى تولۇق ئايلىق مائاشىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئادا قىلىنغان قانۇندا بەلگىلەنگەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىت ئۈچۈن ئەمگەكچىگە تۆلەم پۇلى بېرىدۇ.

بۇ ماددىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى ئايلىق مائاشنى رەسمىيلەشكەندىن كېيىنكى مائاش ئۆلچىمى دەپ چۈشىنىش كېرەك.

ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا قاچان ئۇقتۇرۇشى كېرەك؟

«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 37- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنسا بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئەمگەكچىگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى زۆرۈرمۇ؟

«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 21- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىدىغانلىرى ئەمگەكچىگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125