دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش «گۆش يېگۈسى كەلگەنلىك»تىن بولامدۇ؟ بۇ خىل ئەھۋاللاردىن ئېھتىيات قىلىڭ! (1)
18:38:50 2024-01-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تېتىش ئەزاسى بولۇپ، ئادەملەر يېمەكلىكتىكى ئاچچىق، تاتلىق تەملەرنىڭ ھەممىسىنى تىل ئارقىلىق تېتىيدۇ. تاماق يېگەندە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا تىلىنى چىشلىۋالمايدۇ. خەلق ئارىسىدا تاماق يېگەندە تىلىنى چىشلىۋالسا گۆش يېگۈسى كەپقاپتۇ دەيدىغان گەپ بار.

دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش راستتىنلا گۆش يېگۈسى كەلگەنلىكتىن بولامدۇ؟ بۇ قاراش ئىلمىي ئەمەس. بۇلا ئەمەس، تىلنى چىشلىۋالىدىغان بەزى ئەھۋاللىرى يەنە بەدەندە ئېغىر ساغلاملىق كىرىزىسى كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. قانداق ئەھۋال بىزنىڭ ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ؟ بىز داۋاملىق تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ باقايلى.

چىشنى چىشلىۋېلىش دائىم كۆرۈلىدىغان ئۈچ خىل سەۋەب

چىش مەسىلىسى. ئۈستۈنكى چىش ئاستىنقى چىشنى قوغداش رولىغا ئىگە، بۇنداق بولغاندا تىل بىخەتەر بولىدۇ، ئەمما بەزىلەرنىڭ ئۈستۈنكى چىش يايى كىچىكرەك بولۇپ، چىشلىگەندە چىش تىلغا تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ. بۇ تىلنى قوغدايدىغان چىشتىن مەسىلە چىققانلىقىنى، بوشاپ قالغانلىقىنى ياكى غەيرىي بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا چىشىڭىزنى بالدۇرراق تەكشۈرتۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش. ئادەتتە بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق كۈچ بولمايدۇ، ئاشقازان- ئۈچىيىنىڭ ھەزىم قىلىشىمۇ ياخشى بولمايدۇ، دائىم ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە بەدەندىكى سۇ كۆپ بولىدۇ، تىلدا كىچىك قان تومۇرلار كۆپ بولۇپ، ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق چوڭىيىپ كېتىدۇ. تىل چوڭىيىپ، چىشنىڭ قوغداش دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتسە، تىلنى ئاسانلا چىشلىۋالىدۇ. شۇڭا، تىلىڭىزنىڭ قېلىنلاپ، مايلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغىنىڭىزدا، بەدىنىڭىزدىكى نەملىكنى تازىلاشقا باشلىشىڭىز كېرەك. قىزىل پۇرچاق- مارجان قوناق دېنى سۈيى ئىچىپ بېرىڭ، چۈنكى قىزىل پۇرچاق سۇنى راۋانلاشتۇرۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئىئوۋلېۋا دېنىنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆك كاۋا، پىچەكگۈل، تۇرۇپ، ماش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ھۆللۈكنى يوقىتىش كېرەك.

تاماق يېگەچ گەپ قىلىش. تىلنىڭ ۋەزىپىسى بەك كۆپ، تاماق يېگەچ گەپ قىلغاندا دىققىتىنى يىغالماسلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن تىلنى چىشلىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئېغىر ئەمەس، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش، ئاز گەپ قىلىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرسىلا بولىدۇ.

(داۋامى بۇ يەردە)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125