«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
20:07:21 2024-01-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى  1- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.          

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ باش لۇشيەنى، باش سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلىك سەپتە ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىش، جانلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ نەتىجە شۇكى، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە شەكىللىنىپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنى تۆۋەندىكى 12 جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرىنچى، جەزمەن بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھازىر، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، مۇھىم ئەمەس دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككىنچى، جەزمەن كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ياكى قىلالماسلىق، كۈچ سېلىشتۇرمىسى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ، ئەڭ چوڭ سىياسى. بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش، ھەل قىلىدىغىنى كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچ مەسىلىسى. ئۈچىنچى، جەزمەن بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاچقۇچلۇقى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىتتىپاقلىق − تەنقىد − ئىتتىپاقلىق»تىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا بىردەكلىك ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىش، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش كېرەك. تۆتىنچى، جەزمەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىرلىك سەپ جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشتا يېڭى يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بەشىنچى، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي تۈردە ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئالتىنچى، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. يەتتىنچى، جەزمەن پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرت، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ، رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسەت. يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ئۇلارنى تەشكىللەپ، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى، جەزمەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ئىقتىسادىي مەسىلە، شۇنداقلا مۇھىم سىياسىي مەسىلە. غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. توققۇزىنچى، جەزمەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە مەملىكەت سىرتى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەيۋەندىكى ۋەتەنپەرۋەر، بىرلىككە كېلىشنى ياقلايدىغان كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ھەم چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنى ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئونىنچى، جەزمەن پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي ئىشلىتىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغان بىر تۈركۈم پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئون بىرىنچى، جەزمەن بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇئامىلىدە سەمىمىي بولۇپ، ھەرىكەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈپ، داۋلى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي ياردەم قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن بىر- بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان پارتىيە سىرتىدىكى زور بىر تۈركۈم دوستلار بىلەن دوست بولۇش كېرەك. ئون ئىككىنچى، جەزمەن پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلىك سەپ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىرلىك سەپ بولۇپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرلىك سەپ خىزمىتى پۈتۈن پارتىيەنىڭ خىزمىتى، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپچىلىك ئورتاق ئىشلەپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باش بولۇپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە پارتىيەنىڭ بىرلىك سېپىنىڭ 100 يىللىق تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچى، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125