شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ دانىيە پادىشاھى فرېدرىك Xنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى
20:15:55 2024-01-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 14- كۈنى دانىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پادىشاھى فرېدرىك Xغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، فرېدرىك Xنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.   

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 74 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو − دانىيە مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو − دانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ فرېدرىك X بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − دانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت- سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايمەن.              

 شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە تېلېگرامما ئەۋەتىپ دانىيەنىڭ تەختتىن چۈشكەن سابىق ئايال پادىشاھى مارگېرىتⅡگە سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125