دائىم تىلىنى چىشلىۋېلىش «گۆش يېگۈسى كەلگەنلىك»تىن بولامدۇ؟ بۇ خىل ئەھۋاللاردىن ئېھتىيات قىلىڭ! (2)
18:26:50 2024-01-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تىلنى پات- پات چىشلىۋالسا بۇ كېسەلدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تاماق يېگەندە تىلىنى پات- پات چىشلەشنىڭ ئىپادىسى گۆش يېگۈسى كەلگەنلىك بولمايلا قالماستىن، يەنە سەكتىنىڭ بېشارىتى، يەنى مېدىتسىنادىكى «مېڭە سەكتىسى» بولۇشى مۇمكىن. مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى، مېيىپ بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك «تۆت يۇقىرى» ئالاھىدىلىكى بار.

سەكتە بولۇشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن تىل جانسىز بولۇپ قالىدۇ؟ تىل مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، مېڭىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغاندا، مېڭە نېرۋىلىرى زەخىملىنىپ نېرۋىلارنىڭ باشقۇرۇش رايونىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تىل قېتىپ قېلىش، ئۇيۇشۇش، مايماق بولۇپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئەگەر سىز تىلىڭىزنى چىشلىۋالغاندا، يۈز مۇسكۇللىرىڭىز كونترولسىز قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز، تىلىڭىز يەنىلا ئۇيۇشۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكىدەك جانلىق بولمىسا، بەزىدە تاماق يېگەندە تۇيۇقسىز چىشلىۋالسىڭىز، بەزىدە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چىشلىۋالسىڭىز، ھەتتا ئىختىيارسىز شۆلگەيلىرىڭىز ئېقىپ كەتسە، بۇ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىزدە بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ھەم دائىم بېشىڭىز قېيىپ بىئارام بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى بېرىپ تەكشۈرتۈپ، مېڭە قان تومۇرلىرىڭىزدا مەسىلە كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ.

(داۋامى بۇ يەردە)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125