قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مومامنىڭ جۇخارگۈل پىروژنىسى
17:34:01 2024-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سى دېجېن

 باھار كېتىپ كۈز كېلىپ، يەنە بىر يىللىق چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كەلدى.

 ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ناشتىلىق يايمىسىغا بېرىپ ناشتا قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن بىر يايمىدا جۇخارگۈل پىروژنىسىنى كۆرۈپ قالدىم. بىر پارچە بىر پارچىدىن ئاق فارفور تەخسىگە رەتلىك تىزىلغان ئىدى. مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭغا چۈشكەن شۇ دەقىقىدە، قەلبىمدە خۇددى قەدىناس دوستۇمنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئامان- ئېسەنلىكىدىن خۇشال بولغاندەك بىر خىل خۇشاللىق پەيدا بولدى.

 مېنىڭ توختاپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، ناشتىلىق يايمىسىدىكى ئايال لوبەن قىزغىنلىق بىلەن مېنى چاقىرىپ: «سىڭلىم، تېتىپ بېقىڭ، بۇنى قېيىنئانام سەھەر تۇرۇپ پىشۇرغان، ناھايىتى ئەنئەنىۋى تەم» دېدى. مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن كودنى سايىلەپ پۇل تۆلەپ، خۇشال- خۇرام ھالدا جۇخارگۈل پىروژنىسى ئالدىم. بىر پارچىسىنى ئېلىپ، تاقەتسىزلىك بىلەن بىر چىشلەم چىشلىدىم، تونۇش تەم كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئېغىزىمدا يامرىدى، بۇ خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدا يېگەن جۇخارگۈل پىروژنىسى، يەنى مومامنىڭ جۇخارگۈل پىروژنىسىغا ئوخشايتتى.

 بالىلىق چاغلىرىمدا چۇڭياڭ بايرىمى توغرىسىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئەسلىمەم مومام پىشۇرغان جۇخارگۈل پىروژنىسىدىن كەلگەن. چۇڭياڭ بايرىمى كۈنى، ئاچا- سىڭىل نەچچىمىز دائىم مومامغا چاپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەنت سىرتىدىكى تاغ باغرىغا بېرىپ جۇخارگۈل ئۈزەتتۇق. بىز بالىلارنىڭ مومامغا ياردەملىشىپ جۇخارگۈل ئۈزىمىز دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە بىرەر سەۋەب تېپىپ دالىغا چىقىپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئىدى. بىز تاغ باغرىنى، ئېرىقنى بويلاپ يۈگۈرۈشەتتۇق، بىر- بىرىمىزنى قوغلىشىپ، ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشىپ، ئوت- چۆپلەر ئارىسىدىكى قۇشقاچلارنى چۆچۈتۈۋېتەتتۇق. مومام بىزنىڭ قوغلىشىپ ئويناپ يىقىلىپ كېتىشىمىزدىن ئەنسىرەپ، بىزگە قاراپ: «كەپسىزلىك قىلماڭلار، تېز كېلىپ جۇخارگۈل ئۈزۈڭلار، سىلەر كىچىك قولۇڭلار بىلەن شۇنچىلىك تېز ئۈزىسىلەر، سېۋەت توشقاندىن كېيىن، مەن سىلەرگە جۇخارگۈل پىروژنىسى قىلىپ بېرىمەن»، دەپ ۋارقىرايتتى. «جۇخارگۈل پىروژنىسى» دېگەننى ئاڭلىغان ھامان، بىز دەرھال يۇۋاشلىشىپ، قوغلىشىپ ئوينىماي، مومامنىڭ يېنىدا ئەستايىدىللىق بىلەن جۇخارگۈل ئۈزەتتۇق، ناھايىتى تېزلا لىق بىر سېۋەت ئۈزۈپ بولاتتۇق. كىچىككىنە قولىمىزغا جۇخارگۈلنىڭ شىرنىسى چاپلىشىپ، بەدىنىمىزدىن جۇخارگۈلنىڭ خۇش پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.

 ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مومام جۇخارگۈل پىروژنىسى پىشۇرۇشقا باشلايتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۈزۈپ كەلگەن جۇخارگۈلنى پاكىز يۇيۇپ، ئېزىپ جۇخارگۈل بوتقىسى قىلىپ، ئاندىن سۈزۈك سۇ، نومى گۈرۈچى ئۇنى، گۈرۈچ ئۇنى، ناۋات، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، مەخسۇس جۇخارگۈل پىروژنىسى پىشۇرىدىغان قېلىپقا سېلىپ، كورىغا سېلىپ، سۇس ئوتتا ئاستا دۈملەپ پىشۇراتتى. تەخمىنەن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، جۇخارگۈل پىروژنىسىنىڭ خۇش پۇرىقى تۇۋاقنىڭ يوچۇقىدىن چىقىپ، ئاشخانىدا لەرزان تارقىلىپ، بۇرنىمىزنى ئەگىشكە باشلايتتى. بىز ئوچاق بېشىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مومامدىن ھېلىدىن ھېلىغا: «بولدىمۇ؟ پىشاي دەپ قالغاندۇ؟» دەپ سورايتتۇق. مومام: «تېخى پىشمىدى، يەنە ساقلايلى»، دەيتتى. بىز ساقلاۋېرىپ، ساقلاش ۋاقتىنى تولىمۇ ئۇزاق ھېس قىلاتتۇق.

 تەخمىنەن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، مومام ئاخىرى ئوچاقتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ: «بولدى، جۇخارگۈل پىروژنىسى يېگۈدەك بولدى» دەيتتى. تۇۋاقنى ئاچقاندا، ھور چىقىپ تۇرغان جۇخارگۈل پىروژنىسى كۆزگە چېلىقاتتى. يېڭىدىن قازاندىن چىققان جۇخارگۈل پىروژنىسى يۇمشاق ھەم سىلىق بولۇپ، كىشىنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتاتتى. مومام ئۇلارنى قېلىپتىن ئاستا ئېلىپ، بامبۇك يېرىندىسى قەغىزىگە بىر- بىرلەپ تىزىپ، ئۇلارنى تەبىئىي سوۋۇتاتتى. كىچىك بالىلارنىڭ نەدىمۇ ئۇلارنىڭ سوۋۇشىنى كۈتۈشكە تاقىتى بولسۇن، تاقەتسىزلىك بىلەن ئورىۋېلىپ، قىززىقلىقىغىمۇ قارىماي، قولىمىز بىلەن تۇتۇپلا، ھويلىدا تۇرۇپ يېيىشكە باشلايتتۇق. مومام بىر چەتتە تۇرۇپ: «ئاچ مۈشۈكلەر، ئالدىرىماڭلار، ھەممىڭلارغا يېتىدۇ» دەپ نارازى بولۇپ غۇدۇرايتتى. بىز مومامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمدەك ھېس قىلاتتۇق.

 ھازىر، مومام ئالەمدىن ئۆتتى، مەنمۇ باشقا يۇرتقا ياتلىق بولدۇم. مەن تەخسىدىكى جۇخارگۈل پىروژنىسىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلۈمدە ئېغىر تۇيغۇ پەيدا بولدى. بۇ ئېغىر تۇيغۇدا جۇخارگۈل پىروژنىسىنىڭ تاتلىقلىقى، مومامنىڭ كۆيۈنۈشى، يۇرتۇمنىڭ ئىللىقلىقى بار ئىدى. دەرۋەقە، بالىلىقتىكى تەم ئادەمنىڭ قەلبىگە ئەڭ تەسەللى بېرىدىكەن. 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125