(بۇ مەزمۇننىڭ باش قىسمى بۇ يەردە)
بۇ كىشىلەر توپى تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ
نۇرغۇن كىشى مېڭە سەكتىسى ئۆزىدىن ناھايىتى يىراقتەك ھېس قىلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، 20 - 30 ياشلىق ئاغرىقلار ئاز ئەمەس. ھازىرقى جەمئىيەتتە، تېز رېتىملىق تۇرمۇش نۇرغۇن ياشنى بارغانسېرى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە سەل قارايدىغان قىلىپ قويدى، كومپيۇتېرغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىۋېلىش، ھەرىكەت مىقدارى ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇش، سوغۇق ئىچىملىك ئىچىش، ۋەيمەي بۇيرۇتۇشتەك ناچار يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سېمىزلىك، قاندىكى ماي مىقدارى ئۆرلەپ كېتىش، قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىدە قان نوكچىسى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، شۇڭا، بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللار بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بار كىشىلەر تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. مېڭە سەكتىسى قوزغىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، يېرىمدىن كۆپرەك ئاغرىقتا قىسقا ۋاقىتلىق مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك (TIA) كۆرۈلىدۇ، بۇ ئادەتتە «كىچىك سەكتە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى مېڭە سەكتىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، تۇيۇقسىز بىر تەرەپتىكى پۇت- قوللار ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش، گەپ- سۆزى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ياكى چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، نەرسىلەرنى كۆرۈشى غۇۋالىشىش، تۇيۇقسىز باش قېيىش، باش ئاغرىش، تىلىنى پات- پات چىشلىۋېلىش، تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ياكى مېڭىش قىيىنلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
مېڭە سەكتىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بايقالغان ھامان، بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش، مېڭە سەكتىسىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك. بىر قىسىم قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىسى ئاغرىقلىرى كېسەل بولۇپ 3 - 4.5 سائەت ئىچىدە ۋېنادا نوكچىنى ئۈنۈملۈك ئېرىتىپ داۋالىسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ ساندىكى ئاغرىق تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالايدىغان ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزى چىقالايدىغان بولىدۇ.
ئەگەر سىزدە سەكتە كۆرۈلگەن بولسا، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، تۈز ياكى يانچە يېتىپ، بېشىڭىزنى بىر تەرەپكە قىيسايتىپ، قۇسۇقنىڭ نەپەس يولىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ، خالىغانچە دورا يېمەڭ. ئەگەر زىيادە تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، پۇت- قوللارنى مەجبۇرىي باسماڭ، تىلنى چىشلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاغزىڭىزغا قوشۇق ياكى قاتتىقراق تاياقنى سېلىۋېلىڭ، ئائىلىدىكىلەر ئاغرىقنى ھەرگىزمۇ ئالدىراپ يۆلىمەسلىكى، بېشىنى مىدىرلاتماسلىقى، قۇتقۇزۇشنى تىنچ كۈتۈشى كېرەك.
(داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)