قېلىن قاردا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان سىيمالار − شىنجاڭدىكى ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈش
10:47:01 2024-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قېلىن قاردا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان سىيمالار − شىنجاڭدىكى ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈش

شىن شىجيەن

 بۇ بىرنەچچە كۈندە، نۇرغۇن كىشى شىنجاڭدا بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز قار- مۇز ساياھىتىنى ھېس قىلدى.

 ئۇدا قار يېغىپ قار كۆچكۈنى كۆپ يۈز بەرگەچكە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى تاغلىق رايونلار قاتتىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى: نەچچە مىڭ ساياھەتچى قاناس، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدا تۇرۇپ قالدى؛ قاناس كەنتى، ئاققابا كەنتىدە پۈتۈن رايون بويىچە توك توختاپ قالدى؛ قۇمقاناستىكى چارۋىچىلارنىڭ ساقلىۋالغان قىشلىق ئوت- چۆپلىرى قار كۆچكۈنىدە كۆمۈلۈپ قالدى...

 ئەمما، قار- مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ جايدا، نۇرغۇن كىشى قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر ئىللىقلىق يولى ئېچىپ، كىشىلەرگە بۇ قىش پەسلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلدى:

 ئالدى بىلەن، 1- ئاينىڭ 13- كۈنى قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يول توسۇلۇپ قېلىشتىن راۋانلىشىشقىچە بولغان مەزگىلدە، مەنزىرە رايونىدا تۇرۇپ قالغان ساياھەتچىلەرنى ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئېكراننى قاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرۇپ قالغان ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدىكى «بىر يۈرۈش ھەقسىز مۇلازىمەت»نى ئۈزلۈكسىز تورغا چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى تورداشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، ئۇلار «شىنجاڭ ناھايىتى كۈچ سەرپ قىلىپتۇ» دېيىشتى.

 ساياھەتچىلەر يەنىلا ھەقسىز «يەپ- ئىچىش، ئويۇن- تاماشا» خۇشاللىقىغا چۆمۈۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ يەنە كۈچلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى، ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، گېنېراتور، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى قاناس مەنزىرە رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى، ئاندىن تۇرۇپ قالغان ساياھەتچىلەرنى ئايرودۇرۇمغا يۆتكىدى. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قارىتا تورداشلار «شىنجاڭ ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن» دەپ ماختىدى.

 قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشتە بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە تۇرۇپ قالغان ساياھەتچىلەر ۋاقتىدا ياردەم بىلەن تەمىنلىنىپلا قالماي، شۇ جايدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ غەم- ئەندىشىسىمۇ تۈگىتىلدى. 1- ئاينىڭ 13- كۈنى، قۇمقاناستىكى گۇڭئەن كادىر- ساقچىلىرى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىللە، چارۋىچىلارنىڭ قار كۆچكۈنىدە چېچىلىپ كەتكەن، كۆمۈلۈپ قالغان يەم- خەشەكلىرىنى يۆتكەپ توشۇپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالتاي ۋىلايىتى 10 مىليون يۈەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ، قار كۆچكۈنىدە توسۇلۇپ قالغان يول بۆلەكلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش- ياردەم قىلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى.

 بىر مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى يىغىندى قار ۋە كۆپ قېتىم يۈزبەرگەن قار كۆچكۈنىدە ساياھەتچىلەر ھودۇقمىدى، «نوقاي بورىنى» ۋە شىۋىرغان قاتارلىق ناچار ھاۋارايىدا، ئامما تېنچ- ئامان تۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ يۈزەكى كۆرگىنىمىزدىكىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، قايسى بىر كىشى ياكى قايسى بىر تارماقنىڭ يالغۇز كۈرەش قىلىشى تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇپ تۆھپە قوشقانلىقى، كۆپلىگەن تارماقلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ كۈچىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

 «ھەقسىز بولۇش»نىڭ ئارقىسىدا، بىز مەنزىرە رايونىدىكى مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئاشخانىلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق، بۇ ئىللىق ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن ئۇلار شىنجاڭنى نۇر چاچقۇزغان ۋە ھارارەت تارقاتقۇزغان بىر توپ كىشىلەر. بىز ساياھەتچىلەرنىڭ تەبەسسۇمىدىن شۇنى كۆردۇقكى، «ئارزۇدىكىدەك جاي»دا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ سىيمالار «تىجارەت قىلىش پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن» دېگەن تىجارەت- سودا يولىنى ئىزاھلاپ بەردى، شۇنداقلا «ھەممە كىشى شىنجاڭنىڭ ئوبرازى، ھەممە كىشى تىرىشىپ ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇش» ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

 تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىدىن بىز يۇقىرى- تۆۋەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىدىغان، ھەممىدە غالىب كېلىدىغان كۈچنى كۆردۇق. ساياھەت تاسادىپىي ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىش دۆلەت ئىچىدە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، سانسىزلىغان تورداشلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن ھەم قەلبىنى لەرزىگە سالغان بۇ ھەرىكەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدىغان خەلقچىل ھېسسىياتىنى ھەمدە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ دەل بىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلنى بىرلىكتە يېڭىشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىز.

 قار كۆچكەن مەزگىلدە، قار ئۇچقۇنلىرى ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كەلدى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش جەريانىدا ھەممە يەردە مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان مەنزىرىلەر نامايان بولدى. يول قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش خادىملىرى قېلىن قاردا تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلدى؛ قاپسىلىپ قالغان سەككىز نەپەر داشۆ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىسى قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرا تېشى ئالدىدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى؛ بۇرچىن ناھىيەسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ياتىقىنى بوشىتىپ ساياھەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى؛ ئالتاي شەھىرى مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللەپ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى ھەقسىز توشۇدى؛ ساياھەت يېتەكچىلىرى مەيدىسىگىچە كېلىدىغان يىغىندى قارنى كېچىپ ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى... ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىنغان بۇ كۆرۈنۈشلەر ئادىمىيلىك نۇرى ۋە ئىللىقلىقنى، شۇنداقلا شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي خىسلىتى، ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئالىيجانابلىقى، مەھكەم ئۇيۇشۇشتەك ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلدى.

 كىشىلەر ئارىسىدىكى چىن ھېسسىيات قوش يۆنىلىشلىك تىرىشىشتىن كېلىدۇ. ئۇدا يەتتە كۈن كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 1- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتە، قاناس مەنزىرە رايونىدىن قۇم كەنتىگە بارىدىغان يول راۋانلاشتۇرۇلدى، قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر تەرتىپلىك قايتىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى چىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ: «شىنجاڭ، بىز يەنە كېلىمىز!» دېيىشتى، بۇنداق ئىنكاسلار قار- شىۋىرغاندا ئۈن- تىنسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرگە بولغان ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ خۇددى ئوچاقتىكى ئوتقا ئوخشاش غايەت زور ئىللىقلىق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قويۇپ بېرىپ، بىزنى داۋاملىق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئاتلىنىپ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125