قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئانا مۈشۈك بىلەن «ناتونۇش ئادەم»لەرنىڭ ھېكايىسى
16:53:45 2024-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

فۇ ۋېيخۇڭ

 بىر يارىلانغان ئانا مۈشۈك، يېڭىلا تۇغۇلغان بىر نەچچە ئاسلان؛ بىر دوختۇر دادا، ئىككى بالا. بۇ كۆرۈنۈشنى ئويلىسام، بەك ئىللىق، بەك ئىللىق ھېس قىلىمەن ...

 «دادا، قارا، ئاۋۇ مۈشۈككە نېمە بولغاندۇ؟» بالام قولۇمدىن تارتىپ، ئۇدۇل تەرەپنى كۆرسەتتى. بالام كۆرسەتكەن تەرەپتە، يەردە تۈگۈلۈپ يېتىپ، توختىماي تۆۋەن ئاۋازدا مىياڭشىۋاتقان سەرگەردان مۈشۈك بار بولۇپ، بىر پۇتى يارىلانغان، بەدىنى ئازراق مەينەت ئىدى.

 ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئانچە ئېگىز بولمىغان بەش باسقۇچلۇق پەلەمپەي بار ئىدى. تۇيۇقسىز، ئۇ مۈشۈك پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، يارىلانمىغان ئالدى پۇتى بىلەن پەلەمپەيگە چىقىپ، بەدىنىنى تەستە يۇقىرىغا يۆتكەپ، خۇددىي يارىلانغان جەڭچىنىڭ غەلىبە ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىنىگە ئوخشاش يەر بېغىرلاپ ئىلگىرىلىدى.

 «پەلەمپەيدە ئۇنى جەلپ قىلىدىغان قانداق نەرسە باردۇ؟ ئۇ نېمە ئىزدەۋاتقاندۇ؟ پەلەمپەيدە يەيدىغان نەرسە يوق ئىدىغۇ.» قىزىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ بەك قىزىقىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن قىزىم بىلەن بىللە كۆزىتىشكە باشلىدىم.

 يىراققا قارىغىنىمدا، يۈرىكىم تۇيۇقسىز جىغىلداپ كەتتى.

 پەلەمپەينىڭ بۇلۇڭىدا ئاچلىقتىن ئىڭراپ تۇرغان بىر نەچچە ئاسلان بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنى، يارىلانغان مۈشۈكنى ساقلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەنىدى، ئانىسىنىڭ بېقىشىغا مۇھتاج ئىدى.

 «دادا، بىز ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، بۇ مۈشۈكلەر بەك بىچارە ئىكەن.» مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم، ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا، بىر ئوغۇل بالا تېز مېڭىپ كېلىپ، يارىلانغان مۈشۈكنى ئېھتىيات بىلەن كۆتۈرۈپ، ئاسلانلىرىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى.

 قىزىم ياندىكى ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىدىن مۈشۈك يېمى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا تۆكۈپ قويدى، چېچىلىپ كەتكەن مۈشۈك يېمىنى ھېلىدىن- ھېلىغا قايتىدىن يىغىپ قويدى، بۇنداق بولغاندا ئاسلانلار يېسىمۇ ئانچە زورۇقۇپ كەتمەيتتى.

 ئۇزاق ئۆتمەي، ئوغۇل بالىنىڭ دادىسى داكا، يود، پاختا شارچىسى قاتارلىق داۋالاش سايمانلىرى ۋە دورىلارنى ئېلىپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئاددىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئانا مۈشۈكنىڭ يارىسى ئاددىي ھەم كەسپىي تېڭىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى.

 قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، مېنىڭ قىستىشىم بىلەن، قىزىم بىلەن ھېلىقى ئوغۇل بالا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئاسلانلار بىلەن خوشلاشتى.

 قول پۇلاڭلاتقان ئاشۇ دەقىقىدە، ئانا مۈشۈكنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل نۇر چاقنىغاندەك بىلىندى، بەلكىم پىسخىكامنىڭ تەسىرىدىن ماڭا شۇنداق بىلىنگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مەن ئانا مۈشۈكنىڭ قارىماققا ئېگىز كۆرۈنىدىغان بۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ناھايىتى يۇمشاق، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

 كەچتە ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، قىزىم بەك خۇشال بولدى. تاماق ئۈستىلىدە تاقەتسىزلىك بىلەن ئاپىسىغا ئاسلاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان «ئۇلۇغ ئىش»ىنى سۆزلەپ بەردى.

 بالىلارنىڭ نەزەرىدە ئاق كۆڭۈللۈكنى يەتكۈزۈش چەكسىز پەخىرلىنىدىغان ئىش. قەلبىمىزدە مۇھەببەت بولسىلا، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ مەنىلىك ۋە بەختلىك بولىدۇ.

 ئانا مۈشۈكنىڭ نەزەرىدە، بالا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بارلىقى، يارىلانغان، ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان تەقدىردىمۇ، بالىلىرىنى قوغدايدۇ. بۇ بىر خىل ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ئۇلۇغ ئانا مېھرىنىڭ نامايەندىسى.

 ئىككى دادا، ئىككى بالا ئاجىز ھاياتلىققا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن غەمخورلۇق قىلىپ، ئاجىزلارغا ياردەم بەردۇق، كىچىككىنە ياردەم داۋامىدا بىز بىرلىكتە ئىناقلىق، دوستلۇقنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى يەتكۈزدۇق.

 شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەر كۈنى قىزىمنى مەكتەپتىن ئېلىپ قايتىشىمدا، ئانا مۈشۈك ۋە ئۇنىڭ ئاسلانلىرىنى كۆرىدىغان بولدۇق. ئوخشىمايدىغىنى، مۈشۈكنىڭ ئۇۋىسىدا ھەر كۈنى ئۆزگىرىش بولۇپ تۇراتتى. بەزىدە بىر دۆۋە مۈشۈك يېمى تۇرۇپ قالاتتى، بەزىدە بىر نەچچە يۇڭلۇق توپ تۇرۇپ قالاتتى. ئانا مۈشۈك بىلەن ئاسلانلار ناھايىتى خۇشال ئويناپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى.

 قىزىم بىلەن ئوغۇل بالا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى، ئىككىسى نۆۋەتلىشىپ بۇ مۈشۈكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندەك تۇراتتى. ئىككى بالىنىڭ تەسىرىدە، بۇ «مۈشۈككە ياردەم بېرىش ئەترىتى» كۈنسېرى زورىيىپ، تېخىمۇ كۆپ بالا بۇ ئەترەتكە قوشۇلدى. بۇ «قوشۇن»نىڭ ئەلا مۇلازىمەت قىلىشى بىلەن، مۈشۈكلەرنىڭ تاماق سۈپىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. بەزىدە، يەنە بەزى بالىلار مۈشۈكلەرنىڭ نېمە يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا تالاش- تارتىش قىلىپ كېتىدىغان بولدى.

 ھەر قېتىم بۇ ئىللىق كۆرۈنۈشلەرنى ئويلىغىنىمدا، مەن خۇددى ئەتراپىمنى قۇياش نۇرى ئوراپ تۇرغاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن. ئاق كۆڭۈللۈكنى يەتكۈزۈش بىر خىل كۈچ، ئۇ ئىللىقلىق ۋە بەخت ئاتا قىلىدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك بەك ياخشى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سۇجوۋ يۇقىرى- يېڭى تېخنىكا رايونى تۇڭئەن بازارلىق ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125