شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ چاسېكېدىنىڭ كونگو(كىنشاسا)نىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
21:17:58 2024-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ چاسېكېدىنىڭ كونگو(كىنشاسا)نىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى  1- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فېلىكس چاسېكېدىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كونگو(كىنشاسا) جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوست دۆلەت ۋە جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن زۇڭتۇڭ چاسېكېدى بىلەن بىرلىكتە، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن كونگونىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125