يولداش جاڭ كېخۇينىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى
21:33:02 2024-01-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يولداش جاڭ كېخۇينىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

 شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى

 يولداش جاڭ كېخۇينىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جاڭ كېخۇينىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى مەشھۇر ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 9-، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى 6-، 7- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە 7- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ 4-، 5- نۆۋەتلىك جەمئىيەت باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى يولداش جاڭ كېخۇينىڭ جەسىتى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

 يولداش جاڭ كېخۇي كېسەل سەۋەبىدىن 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 15تىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە 96 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.

 يولداش جاڭ كېخۇينىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جاڭ كېخۇينىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

 1- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش جاڭ كېخۇيغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىگە يولداش جاڭ كېخۇينىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش جاڭ كېخۇينىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش جاڭ كېخۇينىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جاڭ كېخۇينىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش جاڭ كېخۇينىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.

 پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش جاڭ كېخۇينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125