(بۇ مەزمۇننىڭ باش قىسمى بۇ يەردە)
بۇ بەش نۇقتىنى ياخشى قىلسىڭىز، سەكتە ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ
ئىچىش. چوڭلار ھەر كۈنى 1200- 1500 مىللىلىتىر سۇ ئىچىپ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتىشى كېرەك. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنى سۇ كەمچىل ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سۇ ئىچكەندە، ھەم كېچىدە ئۇخلىغاندا بەدەن مېتابولىزمى يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ ھەم ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قان نوكچىسى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بىر قېتىمدا 100- 200 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش كېرەك، كۆپ ئىچكەندە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، يەنە بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ يوقىلىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
غىزالىنىش. «سۇيۇق- سەلەڭ غىزالىنىش» كونا گەپ بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت تۇزلۇق، ئاچچىق غىزالانغاندا قان بېسىمىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۈندىلىك غىزالىنىشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى بەش گرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك. قارا ئاشلىق، بۇغداي ئۇنى، تۇخۇم ئېقى، بېلىق، قارا گۆش ۋە ھەر خىل پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى، مايلىق گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش كېرەك.
يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ كالىي، ماگنىي قان تومۇرلارنى قوغداش رولىغا ئىگە. جۇڭگولۇقلار تاماق ئەتكەندە قورۇپ پىشۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆكتاتلارنى ناھايىتى ئاز خام يەيدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تاماق ئەتكەندە كۆكتاتلاردىكى فولىك كىسلاتاسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بەدەندە فولىك كىسلاتاسى كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوخشاش تىپتىكى سىستېئىن سەۋىيەسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. يۇقىرى دەرىجىدىكى سىستېئىن قان كېسىلىمۇ مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
چېنىقىش. ئاكتىپ، مۇۋاپىق چېنىققاندا ئادەم بەدىنىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلايدۇ. ھەر كۈنى يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، تەيجى گۇمپىسى، بادۈەنجىن گۇمپىسى مەشق قىلىش قاتارلىقلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، كۈز ۋە قىش پەسلىدە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3كىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قۇياش نۇرى يېتەرلىك، ھاۋا ئىللىق بولۇپ، سىرتتا چېنىقىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇخلاش. ياخشى ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىش، تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇش، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقىغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەسلىك، ئويغانغاندىن كېيىن ھارغىنلىق تۇيغۇسى بولمىسا، زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرسا، پۈتۈن بەدەن راھەت بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئەگەر ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇت- قول ھەرىكىتى ئىشلەش، ئۆي ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ياكى سىرتتا ئاستا يۈگۈرۈش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۇيقۇغا ياردىمى بولىدۇ.
تاماكا تاشلاش، ھاراق چەكلەش. تاماكا چېكىش ئادەم بەدىنىدىكى مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ئىچكى دىۋارىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئارتېرىيەنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش مېڭە قان ئېقىم مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇ جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەب، بالدۇر تاشلىسا ئۈنۈمىنى بالدۇر كۆرگىلى بولىدۇ، ھەر قانداق ۋاقىتتا كېچىككەن بولمايدۇ.
(تۈگىدى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)