زېڭ تىڭتىڭ
2022، قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بىر گۇرۇپپا سان، ماڭا نىسبەتەن ئالاھىدە مەنىگە ئىگە. بۇ بىر يىلدا مەن بىر ئوقۇغۇچىدىن بىر ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندىم، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن ئۇچراشتىم ھەم ئۇلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم.
يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن، يېڭى ئۇستاز بولغان ۋاقىتلىرىمدا، نۇرغۇن ماسلىشالماسلىق بولدى، سىنىپنى قانداق باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا گاڭگىراپ قالدىم، يېرىم كېچىدە يىغلاپ، ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ھەسرەتلەنگەن چاغلىرىم بولدى... ھەتتا «مەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تاللىدىم» دەپ قايتا ئويلاندىم، ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قارا كۆزلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئاستا- ئاستا غايىپ بولدى.
ئۇ بىر قېتىملىق ئەمگەك دەرسى ئىدى، بالىلارغا «ھوسۇل»نىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆيدىن ئۇرۇقلۇق ئېلىپ مەكتەپكە كېلىپ، ئۇرۇق سېلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق سېلىشنى تۇنجى قېتىم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، ھەممىسى شۇنداق قىزىقتى ۋە ئۈمىدلەندى. ئەمگەك دەرسى چۈشتىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتتە بولۇپ، بىرىنچى يىللىقتىكى كىچىك دوستلارنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى يوق بولغاچقا، دەرس ئارىلىقىدا يۈگۈرۈپ كېلىپ مەندىن: «مۇئەللىم، مۇئەللىم، قاچان كۆكتات تېرىغىلى بارىمىز؟» دەپ سورىدى. تەلمۈرۈپ، ساقلاپ، ئاخىرى ئەمگەك دەرسى كەلدى، رەتكە تىزىلىپ مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، مەن ئالدى بىلەن بىر نەچچە ئوغۇل بالىنى گۈرجەك بىلەن توپىنى ئۆرۈشكە بۇيرۇدۇم، ئاندىن ئۇلارغا ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئۇرۇقلۇقنى ئېلىپ، تەرتىپ بويىچە بىر - بىرلەپ يەرگە چېچىشنى ئېيتتىم. ئۇرۇق چېچىش جەريانىدا، ئۇلار ئادەتتىن تاشقىرى ئەستايىدىل بولۇپ، بولاقلىرىدىكى ئۇرۇقلۇقنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، ئۇرۇقلۇقنى تۇپراققا ئىنچىكىلىك بىلەن چاچتى، گەرچە ھەرىكىتى ساددا ھەم ئاستا بولسىمۇ، لېكىن كۆزلىرىدىكى قەتئىيلىك مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى.
ئۇرۇق تېرىلىپ بولدى، قاچان ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ، يەنە ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى مەندىن سورايدىغان سوئالى بولۇپ قالدى. مەن ئۇلارغا ئۇرۇقنى تېز ئۆستۈرۈپ، بالدۇرراق ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن پات- پات سۇغىرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى چۈشتە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار كېلىپ مەن بىلەن تالىشىپ سۇغاردى.
ئۇلار كۈنلەپ- كۈنلەپ جاپالىق سۇغارغاندىن كېيىن، بىز تېرىغان زىرائەتلەرنىڭ پىشقانلىقى توغرىسىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى! يەنە بىر ئەمگەك دەرسى كېلىپ، بىز رەتكە تىزىلىپ مەيدانغا كەلدۇق، ئەسلىدە مەن ئۇلارغا بىۋاستە ئۈزگۈزمەكچى ئىدىم، لېكىن ئۇلار مەن ئويلاپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدى، ئۇلار ئۈزۈشتىن بۇرۇن قولى بىلەن تۇپراقتىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يېنىك سىلاپ قويدى. مەن ناھايىتى تېڭىرقاپ قالدىم، بىر كىچىك دوستنىڭ پېشىدىن تارتىپ تۇرۇپ: «نېمە ئۈچۈن بىۋاسىتە ئۈزمەيسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇ: «بۇنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن تېرىغان، ئۇنى سىلاپ باقسام بىر خىل خۇشاللىق ھېس قىلىدىكەنمەن»، دېدى.
دەل شۇ دەقىقىدە، مەن تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى ئۇرۇقنىڭ خۇددى مېنىڭ نەزەرىمدىكى ئۇلاردەك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قالدىم. 9- ئايدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتىم، بىرىنچى سائەتلىك دەرسىم ئۇرۇق سېلىش بولدى؛ كېيىنكى ھەر كۈنلۈك تەربىيەم − مەيلى ئۇلارغا ئادەم بولۇش داۋلىسىنى ئۆگىتەي ياكى ئىش قىلىش بىلىملىرىنى ئۆگىتەي، بۇ سۇغىرىش بولدى؛ ھازىر ئۇلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى، غەرەز ئۇقىدىغان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن، بۇنى قانداقمۇ بىر خىل ھوسۇل دېگىلى بولمىسۇن؟ مەن يەنە شۇنى ھېس قىلدىم، يېڭى ئىشقا چۈشكەن چېغىمدىكى ھەر كۈندىكى گاڭگىراشلىرىم ۋە ئامالسىزلىقىم ئاللىقاچان غايىب بولغان، مەن ھازىر ئۆزۈمدىن «مەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تاللايمەن» دەپ سورىمايدىغان، ئەكسىچە، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ھەر كۈنى سىنىپتا ئۇچراتقان ئوماق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
سىنىپىمدىكى كىچىك دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئەڭ ئاددىي سىلاش ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇنداق ئاددىي سىلاشنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قەلبىنى ئەڭ ئىللىتقان دەقىقىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى مەڭگۈ ئويلاپ يېتەلمەيتتى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭشۇ شەھەرلىك مېيلى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)