مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەندى، بايرام تۈسى يېڭىچە شەكىلدە قايتا نامايان قىلىندى
20:59:52 2024-01-23 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

16- نۆۋەتلىك شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق مال كۆرگەزمىسى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، نەق مەيداندىكى بايراملىق بېزەكلەر قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ياراتتى.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مىرزات مۇتەللىپ فوتوسى)

 يىللار خۇشال- خۇراملىق ئىچىدە ئۈن- تىنسىز ئالمىشىپ تۇرماقتا، ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يېرى شاد- خۇراملىق، بەخت- سائادەتكە تويۇنغان قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.

 1- ئاينىڭ 21- كۈنى، باھار بايرىمى ھارپىسىغا يەنە 20 كۈن قالدى، بايرام تۈسى يېڭىچە شەكىلدە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نامايان بولدى.  مۇخبىرلار زىيارەت داۋامىدا كوچىلاردىكى مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، بايرامنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئۆزگىچە شەكىللەرنى كۆزىتىپ، شەھەر، يېزا مەدەنىيىتىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلارنى ھېس قىلدى.

خەلق ئىچى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ ئەيمىڭ 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ساۋاقداشلارغا گۈل قىيىشنى ئۆگەتمەكتە.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جيەنچېن فوتوسى)

 باھار بايرىمىلىق تىلەك كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

 باھار بايرىمى قاينام- تاشقىنلىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىنىۋاتقان بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكى تىيانشان ئېتىكىدە ئاجايىپ نۇرلاندى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66- ئوتتۇرا مەكتەپتە «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» ناملىق مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە «بەخت ئىلكىدە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار داڭلىق خەتتاتلار يازغان تۈرلۈك مەزمۇندىكى باھار بايرىمىلىق چۇنليەنلەردىن ھۇزۇرلاندى.

 باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن باشقا، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارايلىرىنى ئايلىنىش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى، بۇ يەردە گۈزەل مەدەنىيەت تەسىراتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت قويۇق بولغان باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش كەيپىياتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

 مۇخبىر 1- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ 6- نۆۋەتلىك خەتتاتلىق، ئويمىچىلىق كۆرگەزمىسى»گە كەلدى. بۇ كۆرگەزمىنى شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيىتى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۆرگەزمە كۆرۈش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ قوزغىدى.

 ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلارمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى، باھار بايرىمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى، شياڭشېڭ سەنئىتى، توردا ئالقىشلانغان يېمەك- ئىچمەكلەر، كىنوخانىدىكى فىلىملەر، كۆپ خىل ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇش ئۇسۇلى باھار بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش كەيپىياتىنى ياراتتى، شۇنداقلا بۇ ھەم كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ھەم ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسىگە ئايلاندى.

1- ئاينىڭ 18- كۈنى خەتتات جى يىشۈەن يېڭى يىللىق تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەن «بەخت» خېتىنى يازماقتا.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جيەنچېن فوتوسى)

 كۇتۇپخانىدىكى موي قەلەم ۋە سىياھ ھىدى

 باھار بايرىمىدا چۇنليەن چاپلاش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادىتى، شۇنداقلا باھار بايرىمىدا كەم بولسا بولمايدىغان «مۇراسىم تۇيغۇسى».

 1- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا «موي قەلەم ۋە سىياھ ھىدى ئىچىدە باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش، بەخت خېتى، باھار بايرىمىلىق چۇنليەن سوۋغا قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. 1- قەۋەتتىكى شەھەر كۇتۇپخانىسىدا باھار بايرىمىلىق قىپقىزىل چۇنليەنلەر دېرىزىلەرگە چاپلىنىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى باھار بايرىمىغا قويۇق بايرام كەيپىياتى قوشقانىدى.

 ئۈرۈمچى شەھەر كۇتۇپخانىسى شەھەرلىك كۇتۇپخانا كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى بولۇپ، ئازادە، يورۇق بۆلىكىدە كەسپىي كىتاب رايونى قاتارلىق رايونلار تەسىس قىلىنغان، ياغاچتىن ياسالغان تەگلىك رەڭ لايىھەلەش ئۇسلۇبى ۋە يورۇق LED چىراغ نۇرى ئارقىلىق ئىللىق، ئازادە كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى يارىتىلغانىدى.

 قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن باھار بايرىمىلىق چۇنليەنلەر كۇتۇپخانىنى يېڭى يىللىق كەيپىياتقا چۆمدۈردى، ئوقۇرمەنلەر باھار بايرىمىلىق چۇنليەنلەر ئاستىدا كىتاب ئوقۇپ، «باھار بايرىمىدا كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇماسلىق» تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى. تەكلىپ بىلەن كەلگەن خەتتاتلار قەلەم تەۋرىتىپ، «بەخت» خېتى ۋە چۇنليەنلەرنى يېزىپ، باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

 62 ياشلىق شەھەر ئاھالىسى ۋېن جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: «يەنىلا قولدا يېزىلغان باھار بايرىمىلىق چۇنليەننىڭ بايرام تۈسى تېخىمۇ قويۇق بولىدىكەن. قولدا يېزىلغان چۇنليەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىگە ۋارىسلىق قىلىنغانلىقنىڭ نامايەندىسى. مەن ھەر يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق مەيدان- سارايلاردا خەتتاتلارنىڭ كۆركەم ھۆسنخەتلىرىگە ئېرىشىمەن».

 مۇخبىر نەق مەيداندا بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خاسلىققا ئىگە باھار بايرىمىلىق چۇنليەنلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىن تەييارلاپ، خەتتاتلارنى يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، خەتتاتلارنىڭمۇ كۆپچىلىكنىڭ تەلىپى بويىچە بىر- بىرلەپ يېزىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى جىن يىشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈندىن باشلاپ باھار بايرىمىغىچە كۇتۇپخانىمىز باھار بايرىمىلىق چۇنليەنلەرنى «كۆرگەزمە قىلىش»، «يېزىش»، «سوۋغا قىلىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 1- ئاينىڭ 20- كۈنى (شەنبە)، 1- ئاينىڭ 27- كۈنى (شەنبە) ۋە 2- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 11:00دىن 14:00كىچە خەتتاتلارنى نەق مەيداندا باھار بايرىمىلىق چۇنليەن، «بەخت» خېتى يېزىشقا تەكلىپ قىلدۇق. ھەر كۈنى 50 يۈرۈش بىلەن چەكلىنىدۇ، بالدۇر كەلگەنلەر ئاۋۋال ئېرىشىدۇ. 1- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ، كۇتۇپخانىمىزغا كەلگەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە باھار بايرىمىلىق سوۋغا سۈپىتىدە بىردىن باھار بايرىمىلىق چۇنليەن ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ 1- قەۋىتىدىكى شەھەر كۇتۇپخانىسىغا ئېسىلغان باھار بايرىمىلىق چۇنليەنلەر.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ فوتوسى)

 چۈزى تىياتىرى ئارقىلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش

 1- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 19:00 ئەتراپىدا قاتناشنىڭ كەچلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلى باشلانغان ئۈرۈمچى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىغا كىرىپلا لەرزان مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىدى، بۇ يەردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنجاڭ چۈزىسى تىياتىر ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى.

 «بىز 1- ئاينىڭ 24- كۈنى 16- نۆۋەتلىك شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق مال كۆرگەزمىسىگە بېرىپ ئويۇن قويىمىز، بۇ پۇرسەتنى ناھايىتى قەدىرلەيمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنجاڭ چۈزىسى تىياتىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇي.

 ۋاڭ شياۋخۇينىڭ ئېيتىشىچە، بىر يېرىم سائەت داۋاملىشىدىغان ئويۇندا تىياتىر ئۆمىكى ئالتە نومۇر ئورۇنلايدىكەن، تىياتىر ئۆمىكى قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە بايراملىق نومۇرلارنى تاللاپتۇ.

 مەيلى 2023- يىللىق ئۈرۈمچى شىچۈ تىياتىرى سەنئەت بايرىمى بولسۇن، مەيلى ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ياكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق مەيدان- سورۇنلاردا چوڭ- كىچىك ئويۇن قويۇش بولسۇن، بۇ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارتىسلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ چۈزىسى تىياتىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

 رېپېتىتسىيە جەريانىدا تىياتىر ئۆمىكىدىكى ھەربىر ئارتىس ئويۇنىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئويناشقا تىرىشىپ، ئويۇن قويغاندا ئۆز ماھارىتىنى شىنجاڭ چۈزىسى تىياتىرىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە تولۇق نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

 ئارزۇدىكىدەك جاي دەل يۇرتىمىزدا

 ئاپتوموبىل G216 لىنىيەسىدىكى شىۋىرغانلىق يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە ئاپتوموبىل سىرتىدىكى مەنزىرە ئوچۇق كۆرۈندى، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان كەنتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۆرۈنەتتى.

 ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى بىر ئاچا يول ئېغىزىغا ئاز قالغان جايدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ مېڭىپ كىچىك يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن يەرگە جايلاشقان چيەنمو يېزا مېھمانخانىسىغا كەلگەندە، مال چۈشۈرۈۋاتقان يۈەن مېينى كۆردۇق.

 «بايا تېخى بىر كالا سويغانىدىم، 30 كىلوگىرامچە يېڭى كالا گۆشى ئېلىپ كەلدىم» دېدى يۈەن مېي.

 يۈەن مېي ئەسلىدە يۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتىدىن بولۇپ، ئىلگىرى قىش پەسلىدە مۇقىم كىرىم قىلالمايتتى، بىراق بۇ يىل 2024- يىللىق باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

 چيەنمو يېزا مېھمانخانىسىنىڭ مەسئۇلى دۇ يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يازلىق، قىشلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرى، چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزگەچكە، ئائىلىۋى مېھمانخانىمىزدا نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، يېمەك- ئىچمەك، ياتاق زاكاز قىلىدىغانلار كۆپەيدى، شۇڭا يۈەن مېي ئائىلىۋى مېھمانخانىمىزغا ياردەملىشىشكە كەلدى.

 دۇ يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: يۈەن مېي ئادەتتە ئائىلىۋى مېھمانخانىمىزدا ئىشلەپ بىر كىشىلىك كىرىم قىلغاچ، بىزنى يېڭى كالا گۆشى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يۈەن مېي ئائىلىسىنىڭ يېڭى كالا سۈتىنىڭ سېتىلىشىمۇ ياخشى، ئائىلىۋى مېھمانخانىمىزغا كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قايتا سېتىۋالىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، 2023- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇرغان، يەنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىليون (قېتىم)دىن، ساياھەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىشتەك «قوش بۆسۈش»نى ئىشقا ئاشۇرغان. سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدىن قارىغاندا، قونۇپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ئۈرۈمچىدە ئىككى، ئۈچ كېچە تۇرۇشنى تاللىغان.

ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرى شاڭسى كەنتى چيەنمو يېزا مېھمانخانىسى لاگېرىدا قارلىق دالىدا خوگو يېيىشتىن ھۇزۇرلانماقتا.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)

 يۇغۇرما تەرەققىياتقا ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى

 1- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەتىگەندە مەي جىنلىڭ ئوچاققا ئوت قالىدى.

 بۇ يىل قىشتا ئائىلىۋى مېھمانخانىنى ئالدىن زاكاز قىلىدىغانلار كۆپىيىپ، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسى ناھايىتى جانلاندى.ئۈرۈمچى ناھىيەسى مياۋئېرگوۋ كەنتى شۇڭدى زويۈەن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى مەي جىنلىڭ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00دىلا ئورنۇمدىن تۇرغاندىن باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن، چارچىغان بولساممۇ، سودا ياخشى بولغاچقا غەيرىتىم ئاشتى.

 ئىككى قېتىملىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى، چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى، چاڭغا تېيىلىش قىشلىق لاگېرى... 2023- يىلىدىن باشلاپ، تەنتەربىيە ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە تۈرتكە بولۇش نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى ناھايىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئەۋزەل تەبىئىي ئېكولوگىيە- مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ، يىراق- يېقىنغا داڭلىق ئارام ئېلىش، ئىستىراھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يىيۇڭ مۇنداق دېدى: «تەنتەربىيە ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە تۈرتكە بولۇشتا نەتىجىگە ئېرىشتۇق، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تەنتەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، مەدەنىيەت كۈچ- قۇۋۋەت بېغىشلاش، ساياھەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچىنى سىرتقا يۈزلەندۈردۇق».

 ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى داشەن شياۋشېنىڭ مەسئۇلى شى شەنشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قار- مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار كېيىنكى مەزگىلدىمۇ دائىم كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ياتاقلىرىمىز دائىم زاكاز قىلىنىپ بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى نەنسەنگە نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، قار پەسلىدە ياتاقلىرىمىز دائىم ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ».

 2023- يىلى ئۈرۈمچىنىڭ يازلىق ۋە قىشلىق ئىككى قېتىملىق مارافونچە مۇسابىقىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ شەھەرنى تونۇتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە شەھەر ئاھالىسىگە يەنە ئۈرۈمچى نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى كەي، جاۋ جيەنچېن، ۋاڭ چاڭتۇڭ، چېن يەنفاڭ، ۋاڭ يۈ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125