يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى
20:43:18 2024-01-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئىمزالىدى، «نىزام» 2024- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن قانۇن چىقىرىش قانۇنى بويىچە،ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى تۈزۈم- مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام» جەمئىي 13 باب، 85 ماددا بولۇپ، ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەربىي ئىشلار نىزامى، ھەربىي ئىشلار قائىدىلىرىنى تۈزۈش ھوقۇق چېكى بەلگىلەندى؛ ھەربىي ئىشلار نىزامى ۋە ھەربىي ئىشلار قائىدىلىرىنى تۈزۈشنىڭ يىرىك پىلانى ۋە پىلانى، تۈر تۇرغۇزۇش، تەييارلاش ۋە يوللاش، تەكشۈرۈش، قارار قىلىش ۋە ئېلان قىلىش، ئەنگە ئېلىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش قاتارلىق كونكرېت تەرتىپلىرى ھەمدە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش، رەتلەپ توپلام قىلىش، تەتبىقلاش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملەر قېلىپلاشتۇرۇلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125