كونا سۈرەتتىكى ھېكايە | پاراۋوزىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوق پويىز گۇرۇپپىسىغىچە
17:13:17 2024-01-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«يىراقتىن قارىسىڭىز ئەسكى- تۈسكىچى، يېقىندىن قارىسىڭىز پاراۋۇز ئوچاستىكىسى خىزمەتچىسى.» بۇ بىر پېشقەدەم پويىز شوپۇرىنىڭ پاراۋۇز دەۋرىدىكى ئىشلارنى قىزىقچىلىق قىلىپ ئېيتقان سۆزى، پاراۋۇز ئوت قالىغۇچى توختىماي سالغان كۆمۈرنىڭ كۆيۈشى ئارقىسىدا ھاسىل بولغان پار ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيتتى، بىر قېتىم سەپەرگە چىقىپ قايتىپ كەلسە خادىملارنىڭ ئۈستىبېشى قارىداپ كېتەتتى.

1952- يىلى، چىڭداۋ سىفاڭ پاراۋۇز- ۋاگون ياساش زاۋۇتى يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى «ئازاد» تىپلىق پاراۋۇزىنى ياساپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئۆزى پاراۋۇز ياسىيالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن «تىنچلىق» تىپلىق، «قۇرۇلۇش» تىپلىق، «خەلق» تىپلىق قاتارلىق كۆپ خىل تىپتىكى پاراۋۇزلار ئارقا- ئارقىدىن ياسىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

1957- يىلى 12- ئايدا، دۆلىتىمىز ئۆزى ياسىغان «تىنچلىق» تىپلىق پاراۋۇز يول ئۈستىدە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شۈ فېڭ فوتوسى)

1958- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى، چىڭداۋ سىفاڭ پاراۋۇز- ۋاگون زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى «خەلق» تىپلىق پاراۋۇزنى ئاخىرقى قېتىم زىننەتلىمەكتە. «خەلق» تىپلىق پاراۋۇزنىڭ ئاپتوماتىك كۆمۈر قاچىلاش قۇرۇلمىسى بار، پاراۋۇز تۇرخۇنىنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئىس توسۇش تاختىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، پۈركۈپ چىققان كۆمۈر ئۇۋاقلىرىنىڭ شامالدا يولۇچىلار ۋاگونىغا كىرىشىنى توسايتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن جىڭ فوتوسى

1958- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان ئېلېكتروۋۇزى چاڭشىنديەن پاراۋۇز- ۋاگون رېمونت زاۋۇتىدا دۇنياغا كەلدى.ئىچىدىن يانىدىغان ئېلېكتروۋۇز دىزېل موتورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى پاراۋۇزغا قارىغاندا يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، يۈرۈش جەريانىدا سۇ ۋە كۆمۈر قاچىلىمىسىمۇ بولىدۇ، شوپۇر قاتارلىق خادىملارنىڭ خىزمەت مۇھىتىمۇ ياخشىلاندى.1987- يىلى، داليەن زاۋۇتىنىڭ يىلىغا دۇڭفېڭ 4B تىپلىق پاراۋۇزنى ياساش ئىقتىدارى 200 دانىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، دەپ بېكىتىلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىزنىڭ زور تۈركۈمدىكى پاراۋۇز ئىمپورت قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

1958- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان ئېلېكتروۋۇزى چاڭشىنديەن پاراۋۇز- ۋاگون رېمونت زاۋۇتىدا سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى. سۈرەتتە: يېڭى پاراۋۇز يولۇچىلار ۋاگونىنى سۆرەپ كىشىلەرنىڭ تەنتەنە ساداسى ئىچىدە زاۋۇت ئۆيىدىن چىقتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئەن كاڭ فوتوسى

1965- يىلى، داليەن پاراۋۇز- ۋاگون زاۋۇتى ياسىغان 2000 ئات كۈچىگە ئىگە ئېلېكترىك قوزغىتىلىدىغان ئىچىدىن يانىدىغان تېپلۇۋۇز يولۇچىلار پويىزىنى سۆرەپ بېيجىڭ − باۋتوۋ لىنىيەسىدە ماڭماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈ خۇيرۇ فوتوسى

1958- يىل 12- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇجوۋ ئېلېكتروۋۇز زاۋۇتى شياڭتەن ئېلېكتروۋۇز زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان جۇڭگونىڭ تۇنجى غول لىنىيەلىك ئېلېكتروۋۇز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چۈشۈرۈلدى.1968- يىلى جۇجوۋ ئېلېكتروۋۇز زاۋۇتى 6Y1 تىپلىق 008- نومۇرلۇق ئېلېكتروۋۇزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، «شاۋشەن» دەپ رەسمىي نام بەردى، بۇ، جۇڭگونىڭ 1- ئەۋلاد دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئېلېكتروۋۇزى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلېكتروۋۇز ياساش يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن «شاۋشەن يۈرۈشلۈك» ئېلېكتروۋۇزلار جۇڭگو زېمىنىدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ، جۇڭگونىڭ غول لىنىيە ئېلېكتروۋۇزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئىشەنچلىك نادىر ئەسىرىگە ئايلاندى.

سۈرەتتە: 1958- يىلى، يېڭى جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى ئېلېكتروۋۇز «شاۋشەن 6Y1 - 0001 ». شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

سۈرەتتە: 1998- يىلى سۈرەتكە تارتىلغان بېيجىڭ − گۇاڭجوۋ لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە قاتنىغان شاۋشەن 8 تىپلىق ئېلېكتروۋۇز. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ ۋېنگۇاڭ فوتوسى

1991- يىلىنىڭ بىر كۈنى، بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز فىرانسىيەنىڭ پارىژ ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، مەنزىلى لىئونغا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىرغا يەتتى. پويىزدا ئىلگىرىكى جۇڭگو تۆمۈريول مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن بىر نەچچە ئىنژېنېر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب تۆمۈريولىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىدى. جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو تۆمۈريولىدا سۈرئەتنى كەڭ كۆلەمدە تېزلىتىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، تۆمۈريولدا سۈرئەت تېزلىتىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. 1997- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە، جۇڭگو تۆمۈريولى 10 يىلدا ئالتە قېتىم سۈرئەتنى تېزلەتتى، سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىردىن ئاشتى، سۈرئەت تېزلىتىلگەن ئايرىم غول لىنىيەلەرنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە 250 كىلومېتىرغا يەتتى. «ئىناقلىق ناملىق» ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كىردى.

ئۈزلۈكسىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يۈرۈشلۈك تېخنىكىسىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېخنىكا سۇپىسىنى بەرپا قىلدى. 2008- يىلى بېيجىڭ- تيەنجىن شەھەرلەر ئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، جۇڭگودىكى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا ئايلاندى.

2007- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، «ئىناقلىق ناملىق» يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوق پويىز شاڭخەي- نەنجىڭ تۆمۈريولىنىڭ نەنجىڭ شەھەر رايونى بۆلىكىدىن ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن سەن فوتوسى

2008- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگودىكى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېيجىڭ- تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىدا سىناق قىلىنىۋاتقان پويىز بېيجىڭ يۇڭدىڭمېن كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (يۈەن رۇيلۈن فوتوسى)

 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان، پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە «گۈللىنىش» ناملىق ئۆلچەملىك ئوق پويىز گۇرۇپپىسىغا رەسمىي نام بېرىلدى، شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭ- شاڭخەي تۆمۈريولىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، 9- ئاينىڭ 21- كۈنى دۇنيا بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 350 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈشتەك سودا تىجارىتىنى تۇنجى بولۇپ ئىشقا ئاشۇردى.

2023- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى يېڭى چېڭدۇ- كۇنمىڭ تۆمۈريولىدا قاتنىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

2023- يىل 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز شىزاڭ لاسا- لىنجى تۆمۈريولىنىڭ لىنجى بۆلىكىدىكى شاپتۇل چېچىكى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۆ گو فوتوسى

تۆمۈريول سانائىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش جەريانىدا، جۇڭگونىڭ پويىز ياسىشى رېمونت قىلىشتىن ياساشقا، تەقلىد قىلىشتىن يېڭىلىق يارىتىشقا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىشقا ئۆتۈپ، تۆمۈريول پاراۋۇز- ۋاگونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەۋلادىنى يېڭىلاشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى يۈك كۆتىرىشتىن ئېغىر يۈك كۆتىرىشكە، ئادەتتىكى سۈرئەتتىن تېز سۈرئەتكە، ئاندىن يۇقىرى سۈرئەتكە، كىرگۈزۈشتىن ئېكسپورتقا ئۆتۈشتەك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125