شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان كېنىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ھەم مەكتەپداشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگو − كېنىيە ۋە جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق نۇر چېچىشقا، ھارارەت تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى زىچ باغلايدۇ. مومباسا − نايروبى تۆمۈريولى جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى بايراقدار تۈر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆرنەك. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، سىلەر بۇ «بەخت يولى»نىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو بىلەن رىشتە باغلىدىڭلار، سىلەر جۇڭگو − كېنىيە ۋە جۇڭگو − ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ گۇۋاھچىلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى، شۇنداقلا قۇرغۇچىلىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمى ۋە جۇڭگو − كېنىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ ئىستىقباللىق ياشلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. سىلەرنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا ئاتلىنىپ، جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇق ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان كېنىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ھەم مەكتەپداشلار ۋەكىللىرى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ تۆمۈريول تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگىنىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، كېنىيە − جۇڭگو دوستلۇقى ئۈچۈن ياخشى كۆۋرۈك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)