شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاش- تۇرۇش مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇشلۇق» دېيىلدى) ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
ياسىمىچىلىق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى، دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئۇلى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانمىسى. «ئوقۇشلۇق» جەمئىي 12 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى چۈشەندۈرۈلگەن.
«ئوقۇشلۇق»نىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا پايدىلىق.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)