ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
09:32:36 2024-01-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8- يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 56 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە) ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا سايلاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (ئارگىنال)، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتتىكى قىسمەن خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارنى تەڭشەپ تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ھەم كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلىدىغان تەكلىپلەر قارار قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى ئېچىلىدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بارلىق ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئورۇنداش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ياخشى يۈرگۈزۈش كېرەك؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساداسى ۋە تەلىپىنى ئىنكاس قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش كېرەك؛ قاراپ چىقىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئالاقىدار ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل توپلاپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر چىقىرىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك؛ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەكلىپ- تەۋسىيەلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ ياخشى يىغىن ئىستىلىنى ساقلاپ، يىغىن ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.      ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125