شى جىنپىڭ جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچا بويىدىكى دۇكاندا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى
21:19:21 2024-01-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچا بويىدىكى دۇكاندا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۇدا يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 15تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچا بويىدىكى دۇكاندا ئوت ئاپىتى يۈزبەردى. ھازىرغىچە، ھادىسىدە 39 كىشى ئۆلۈپ كەتتى، 9 كىشى يارىلاندى، ھېلىھەم قاپسىلىپ قالغانلار بار.

 ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى: جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۈشۈي رايونىدىكى بىر كوچا بويىدىكى دۇكاندا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش كۆرۈلدى. يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش- داۋالاش، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ يېقىنقى مەزگىلدە يۈزبەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى، سەۋەبىنى تېز تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئەستايىدىل بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۇدا يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: كۈچ تەشكىللەپ قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش- قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ- داۋالاپ، ئۆلۈش- يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ھەم ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يېقىنقى مەزگىلدە نۇرغۇن جايدا ئۇدا ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاجىز ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماسلىقىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

 شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جياڭشى ئۆلكىسى، شىنيۈ شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش- داۋالاش ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە. نۆۋەتتە، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125