ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ) 1- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يەر تەۋرەش مەركىزىگە 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىغا باردى.
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسى بەدەل كەنتىدە، قۇلانساراق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقى داڭ يۇڭمىڭ (ئوڭدا) بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ ئۆيگە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن ئۆيدىكىلەر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا يۆتكەلگەن. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
مۇخبىر ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسى بەدەل كەنتى، جىلدىز كەنتىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئۇرۇلغانلىقىنى، ئاھالىلەرنىڭ چېدىرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۆيى زىيانغا ئۇچرىمىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ نورمال كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىغا بىر تۈركۈم مەش يۆتكەپ كېلىندى، كەنتلەرگە تارقىتىپ بەرگەندىن سىرت، يەنە بىر قىسمىنى كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا ئېلىپ قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىسسىنىش تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسى قۇلانساراق يېزىسى جىلدىز كەنتىنىڭ كەنت كادىرلىرى چېدىردا ئورۇن- كۆرپىلەرنى رەتلىمەكتە. ئۇلار ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق بىلەن بىللە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
بۇ بىر نەچچە كۈندە، قالدۇق يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىپ، ھاۋا سوغۇق بولدى، يېزىلىق ھۆكۈمەت يەنە 200 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئىسسىنىش مېشى، تۇرخۇن يۆتكەپ كېلىپ، تەۋەلىكىدىكى ئۈچ كەنتنىڭ ھەر بىرىگە 50 يۈرۈشتىن تەقسىملەپ تارقىتىپ بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئىسسىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، قالغانلىرىنى ئېھتىياجلىق بولغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن زاپاس ساقلاپ قويدى.
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسى قۇلانساراق يېزىسى بەدەل كەنتىدە، قۇلانساراق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمنىڭ بۆلۈم باشلىقى داڭ يۇڭمىڭ (ئوڭدا) بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ ئۆينىڭ تېمىنىڭ يوغانلا يېرىنىڭ سۇۋىقى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، كەنتتە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ھېسابلىنىدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسى قۇلانساراق يېزىسى جىلدىز كەنتىنىڭ چېدىر رايونى ئالدىدىكى داشقازاندا قايناۋاتقان سۇنى كۆپچىلىك چاي دەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. كەنت ئاھالىلىرى بۇ چوڭ قازاندا بىللە تاماق ئېتىپ يەيدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسى جىلدىز كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەشكە تۇرخۇن ئورنىتىپ، چېدىردا ئوت يېقىپ ئىسسىنماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
1- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسى قۇلانساراق يېزىسى جىلدىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چېدىرغا ئىشىك پەردىسى ئورنىتىپ، سوغۇقتىن دالدىلاندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)