يېمەكلىك يېغىنى تاللاشتىكى بەش چوڭ خاتا قاراشقا سىز ئىشىنىپ قالدىڭىزمۇ؟
16:19:39 2024-01-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ماددىي بايلىق مول بولغان بۈگۈنكى كۈندە، «قانداق ياغ يېيىشنى تاللاش» ئادەمنى بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. چۈنكى ياغنىڭ تۈرى ھەقىقەتەن بەك كۆپ، بۇ «تاللاشتىن قورقۇش كېسىلى» بار دوستلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ بەك تەس!

ئەمەلىيەتتە، «ياغ يېيىش»تىن ئىبارەت يېمەك- ئىچمەكتىكى چوڭ ئىشتا، نۇرغۇن كىشىدە بىر قىسىم خاتا قاراش مەۋجۇت، تېز كېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنىپ قالغان- قالمىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ؟

بىرىنچى خاتا قاراش: ئۆسۈملۈك يېغىنى تاللىغاندا «تەركىبىدە خولېستېرىن يوق» دېگەن خەتكە قاراش

ھەقىقىي ئەھۋال: ئۆسۈملۈك يېغى ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن بولمايدۇ!

نۇرغۇن كىشى ياغ سېتىۋالغاندا ئورالمىسىغا قارايدۇ، ئورالمىسىغا «تەركىبىدە خولېستېرىن يوق» دەپ يېزىلغان ئۆسۈملۈك يېغىنى مەخسۇس تاللاپ سېتىۋالىدۇ. ھەتتا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىلىدىغان ئۆسۈملۈك يېغىغىمۇ «تەركىبىدە خولېستېرىن يوق» دېگەن بەلگە سېلىپ ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىدۇ.

نۇرغۇن كىشى بۇ بىرنەچچە سۆزنى كۆرۈپ، ئۆسۈملۈك مېيى سېتىۋېلىشنى تاللايدۇ، سودىگەرلەرنىڭ داۋرىڭىغا ئىشىنىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەشۋىقات پۈتۈنلەي سودىگەرلەرنىڭ خۇپسەنلىكى. چۈنكى بارلىق ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدە خولېستېرىن بولمايدۇ!

شۇڭا، ئۆسۈملۈك مېيى سېتىۋالغاندا ئورالمىسىدا «خولېستېرىن» دېگەن سۆزنىڭ بار-يوقلۇقىغا پەرۋا قىلماڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، پەقەت ئۆسۈملۈك مېيى بولسىلا، خولېستېرىن بولمايدۇ.

ئىككىنچى خاتا قاراش: سىقىپ چىقىرىلغان ياغ چىلاپ چىقىرىلغان ياغدىن ياخشى

ھەقىقىي ئەھۋال: ھەممىسىنى خاتىرجەم يېسىڭىز بولىدۇ!

بەزىلەر «چىلاپ چىقىرىش ھۈنەر- سەنىتىدە بېنزىن ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەن گەپكە ئىشىنىپ قېلىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەقەت سىقىپ چىقىرىلغان ياغنىلا سېتىۋالىدۇ؛ بازاردىكى سىقىپ چىقىرىلغان ياغلارغىمۇ ھەر خىل ساغلاملىق بەلگىلىرى چاپلانغان، يەنە بەزىلەر: بىزنىڭ ياغ «پۈتۈنلەي قول ھۈنىرى بىلەن سىقىپ چىقىرىلغان!» دەپ بىۋاسىتە تەكىتلەيدۇ.

چىلاپ چىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ ھەقىقەتەن 6- نومۇرلۇق يېنىك بېنزىن، يەنى يېمەكلىك پىششىقلاشتىكى ياردەمچى ماددا «جېڭجىۋەن»(正己烷) بىلەن ئازراق مۇناسىۋىتى بار. بىراق، دۆلىتىمىزنىڭ «GB2760 -2014 يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمى»گە ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئاخىرقى يېمەكلىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە جېڭجىۋەن (正己烷)نىڭ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

شۇڭا، مەيلى سىقىپ چىقىرىلغان ياغ بولسۇن ياكى چىلاپ چىقىرىلغان ياغ بولسۇن، پەقەت مۇنتىزىم زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان ھەم سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياغ بولسىلا، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئۆيدە ئۆزلىرى قول ھۈنىرى بىلەن  سىقىپ چىقارغان ياغنى ئىستېمال قىلىش يەنىلا تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ خاسىڭ يېغىنى تارتىش جەريانىدا ئافلاتوكسىندىن بۇلغىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: بىر قېتىمدا بىر چوڭ تۇڭ سېتىۋېلىش

ھەقىقىي ئەھۋال: ئەرزان بولسىمۇ، سۈپىتى تۆۋەن

تاللا بازارلاردا ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى چوڭ- كىچىك تۇڭلۇق يېمەكلىك ياغلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش شەكلىدە دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقى تاللا بازارغا بېرىپ ياغ سېتىۋالغان دوستلارنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشى چوڭ تۇڭلۇق ياغنى سېتىۋېلىشقا مايىل، چۈنكى ھېسابلىغاندا تېخىمۇ ئەرزان بولىدۇ، ئىشقىلىپ ھەر ۋاق تاماق ئەتكەندە ئىشلىتىدۇ، ئۆيگە قويۇپ قويغاندا خاتىرجەم بولىدۇ، ئەمەسمۇ.

لېكىن، كۆپچىلىك چوڭ تۇڭلۇق يېمەكلىك يېغىدا ھەمىشە مۇنداق ئىككى مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە سەل قارايدۇ:

1. يېمەكلىك يېغىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇلياۋ تۇڭغا قاچىلىنىدۇ، تەتقىقاتلاردا ئېيتىلىشىچە، يېمەكلىك يېغى قاچىلىنىدىغان تۇڭ ماتېرىيالىدىكى پىلاستىكلاشتۇرغۇچ ئېرىپ يېمەكلىك يېغىغا ئارىلىشىپ كېتىدىكەن.

2. نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى، ئەگەر ساقلاش مۇۋاپىق بولمىسا، ئۇزاق ۋاقىت قۇياش نۇرى ئۇدۇل چۈشۈش ھەمدە پېچىتى ئېچىلغاندىن كېيىن ھىملىقى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ياغنىڭ ئوكسىدلىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشى تېزلىشىدۇ.

كۆپچىلىك دىققەت قىلىپ باقسىلا، ئۇزاق تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك يېغىدىن بىر خىل «ئېچىغاندەك پۇراق» چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىيالايدۇ، بۇنى ياغنىڭ ئوكسىدلىنىپ ئېچىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق ياغ تەمىدىن كېتىپلا قالماي، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.

شۇڭا، ئادەتتىكى ئۈچ جانلىقر ئائىلىلەر كىچىك تۇڭلۇق يېمەكلىك يېغىنى سېتىۋالسىلا بولىدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەڭ ياخشىسى ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلانغانلىرىنى تاللاش ياكى سۇلياۋ تۇڭلۇقىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قۇرۇق ئەينەك قاچىغا قۇيۇپ، ھىم ئېتىپ ساقلاش كېرەك.

تۆتىنچى خاتا قاراش: ئۇزاق مۇددەت بىرلا خىل ياغنى ئىستېمال قىلىش

ھەقىقىي ئەھۋال: كۆپ خىل ياغنى ئىستېمال قىلىش كېرەك!

ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ تۈرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت بىرلا خىل ئۆسۈملۈك يېغى ئىستېمال قىلىنسا، ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىرلا خىل بولىدۇ.

شۇڭا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ياغنى ئالماشتۇرۇپ يېسە تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ.

1. تەركىبىدە α - لىنولېنىك كىسلاتا مول بولغان ياغ: رەيھان يېغى، زىغىر يېغى، كۈنجۈت يېغى.

2. تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتا مول بولغان ياغ: كۆممىقوناق يېغى، دادۇر يېغى، ياڭاق يېغى، گازىر يېغى، كۈنجۈت يېغى، چىگىت يېغى، زىغىر يېغى.

3. تەركىبىدە يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغان ياغ: خاسىڭ يېغى، زەيتۇن يېغى، چاي يېغى، قىچا يېغى.


بەشىنچى خاتا قاراش: تەڭشەلگەن ياغنى ناھايىتى ساغلام دەپ قاراش

ھەقىقىي ئەھۋال: تەڭشەلگەن ياغ سىز ئويلىغاندەك ئەمەس !

نۇرغۇن كىشى تەڭشەلگەن ياغ نۇرغۇن ئوخشىمىغان تۈردىكى ياغنى ئارىلاشتۇرغان، دېگەن مەنىدە، يېگەندە ئوخشىمىغان تۈردىكى ياغ تەمىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئوزۇقلۇقى تېخىمۇ مول بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەمەس. تەڭشەلگەن ياغ ئىككى خىلدىن ئارتۇق چەككىلەنگەن ئۆسۈملۈك يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك يېغى بولۇپ، ياغدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىكلەرگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. چەككىلەنگەن ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدە تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە «زەيتۇن تەڭشەلگەن يېغى» دەپ ئاتالغان بەزى يېمەكلىك ياغلىرىنى كۆپچىلىك «تەركىبىدە زەيتۇن يېغى كۆپ بولىدۇ»، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنى «زەيتۇن يېغى» دەپ بىلىۋالىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە، ماتېرىيال جەدۋىلىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى كۆممىقوناق يېغى ۋە قىچا يېغى ياكى باشقا ئۆسۈملۈك يېغى بولۇپ، زەيتۇن يېغىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن ئاز.

شۇڭا، كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، تەڭشەلگەن ياغ «ھەممىگە باب كېلىدىغان قۇۋۋەت مېيى» ئەمەس، ئاندا- ساندا مايدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا ئىشلەتسە ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز سېتىۋېلىش كېرەك، ئۇنداق چوڭ تۇڭلۇقىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. سېتىۋالغاندا ئىسىمغا ئالدىنىپ قالماڭ، ماتېرىيال جەدۋىلىگە كۆپرەك قاراڭ.

خۇلاسە: ياغ سېتىۋالغاندا ئورەكتىن ساقلىنىش، ياغ ئىستېمال قىلىشتا يېيىشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك

«تەركىبىدە خولېستېرىن يوق» ۋە «زەيتۇن/ چاي تەڭشەلگەن يېغى»غا ئالدىنىپ قالماڭ؛ ئۆيدە جان سانى كۆپ بولمىسا، كىچىك تۇڭلۇق ياغنى سېتىۋالسىلا، تۈگىگەندە سېتىۋالسىلا بولىدۇ؛ سىقىپ چىقىرىلغان، چىلاپ چىقىرىلغان بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، ئۆيدە ئۆزى ياغ تارتىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەك؛ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ياغنى ئالماشتۇرۇپ يېيىش كېرەك، ھەر كۈنى 2 - 3 خىل ياغنى يېسە بولىدۇ، كۆپ خىل بولسا تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125