ۋەكىل، ئەزالارنىڭ سالاپىتى ▕توتېقۇس چاكىن: «باشلامچى غاز» باشلامچىلىق قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەت تامىقى يېدى
19:27:21 2024-01-26 تىيانشان تورى

 ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «باشلامچى غاز»ى، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، يېزا- كەنتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەت تامىقى يېيەلىدى. ئۇ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جان- دىل بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، ئۇ دەل ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭگىل ناھىيەسى ئارال بازىرى قاراڭغۇ توقاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توتېقۇس چاكىن.

 توتېقۇس چاكىن مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلارنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى يىغىپ، ياخشى پىكىر-تەكلىپلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئىككى يىغىنغا ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىمەن. كېيىنكى قەدەمدە، مەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرىمەن».

 2023-يىلى، دۆلەت يولى 331-، 680- لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كەنتنى كېسىپ ئۆتۈشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، توتېقۇس چاكىن 28 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئائىلىۋى تۇرالغۇ قاتارلىقلارنى ئېچىپ، گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ ساياھەت تامىقى يېيەلەيدىغان شارائىتقا ئىگە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.

 (چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى لى ۋېنچياڭ، ئېرجان)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125