1- ئاينىڭ 26- كۈنى، ۋۇخەن خەنكوۋ ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىسى يولۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى
2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق توشۇش 1- ئاينىڭ 26- كۈنى رەسمىي باشلاندى. 2024- يىللىق ئۇنىۋېرسال توشۇش باھار بايرىمىلىق توشۇش خىزمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، باھار بايرىمىلىق توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى تەخمىنەن 182 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. جايلار، تارماقلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، باھار بايرىمىلىق توشۇش مەزگىلىدىكى توشۇش كۈچى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە.
1- ئاينىڭ 26- كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجوۋ شەھىرى داۋشيەن ناھىيەسىدىكى داۋجوۋ بېكىتىدە، يولۇچىلار T582 قېتىملىق پويىزنىڭ قوزغىلىشىنى ساقلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جياڭ كېچىڭ فوتوسى)
بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق توشۇش مەزگىلىدە، جۇڭگو تۆمۈر يولى 480 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇشنى مۆلچەرلىدى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇيدۇ، 2023- يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق توشۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا %37.9 ئاشىدۇ. دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچىلار توشۇش بۆلۈمى توشۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ دو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىلىق توشۇش مەزگىلىدە، كۆپ خىل يولۇچىلار ئېقىمى گىرەلىشىپ كېتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە گۇاڭجوۋ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، شېنجېن، ۋۇخەن، خاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەر يولۇچىلار يولغا چىقىدىغان ۋە بارىدىغان قىزىق رايونغا ئايلىنىدىكەن. جېڭ دو مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تۆمۈر يول تارماقلىرى توشۇش كۈچى بايلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ، توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىش، ئوق پويىزنى قوش گۇرۇپپىلاپ ماڭدۇرۇش، ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىغا ۋاگون قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قىزىق نۇقتىلىق يۆنىلىش، رايون ۋە ۋاقىتتا توشۇش كۈچىنى جانلىق كۆپەيتىدۇ. تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەپەرگە چىقىش ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كۈچەيتكەندىن باشقا، يەنە يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، تولۇقلاپ بېلەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بېلەت سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى ئالدىن تولدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىش مەخسۇس رايونى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى، تۆمۈريول 12306 پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شەن شىڭخۇا مۇنداق دېدى: يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرغۇچى، پويىز قېتىمى ۋە ئورۇن ئايرىمىسىنى ئالدىن تولدۇرسا، سېتىش نۇقتىسىدا بىر كۇنۇپكا بىلەن تاپشۇرسا بولىدۇ. جايلار توشۇش كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، مۇلازىمەت كاپالىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك قىلدى. نەنچاڭ ۋوگزالىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدا، يېڭىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يوللانما ئەۋەتىش ئىشكاپى كۆپەيتىلىپ، پويىزغا ئېلىپ چىقىش قولايسىز بولغان بۇيۇملار ۋاقتىدا پوچتىدىن ئەۋەتىلدى، نەنچاڭ ۋوگزالىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى ۋېي مەنخۇا مۇنداق دېدى: يوللانما ئەۋەتىش ئىشكاپىدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلىسە ئاستىدىكى ئىشكاپنىڭ ئىشىكى بىۋاسىتە ئېچىلىدۇ، يولۇچىلار بۇ نەرسىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىلىك كودتىكى ئەسكەرتىشكە ئاساسەن، ئەپچاق ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرىدۇ.
1- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتوموبىللار خەيكوۋدىكى شىنخەي پورتىدا پاراخوتقا چىقىشنى كۈتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گو چېڭ فوتوسى
قاتناش تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈم قىلىپ تەھلىل قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل باھار بايرىمىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىدىغانلار ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولىدىكەن، ھازىر نۇرغۇن جايلار يول تورىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى باشلىغان، گۇاڭدۇڭ قاتناش گۇرۇھى لياڭجىنشەن مۇلازىمەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جاڭ خاۋمىن مۇنداق دېدى: مۇلازىمەت رايونىدا ھازىر 13 سودىگەر بار بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ بارلىق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە كەيپىڭنىڭ ئالاھىدە تائاملىرى، قەھۋەخانا ۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دۇكىنى قاتارلىقلار بار، بۇلار خېرىدارلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
1- ئاينىڭ 26- كۈنى، يولۇچىلار خەيكوۋدىكى مېيلەن ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا چىقماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جى چياۋجۇ فوتوسى)
خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، باھار بايرىمىلىق توشۇش مەزگىلىدە، ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى قىزىق نۇقتىلىق يۆنىلىشتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق توشۇشتا مەملىكەت بويىچە سۇ يولىدا توشۇلىدىغان يولۇچى مىقدارىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىكەن، باھار بايرىمىلىق توشۇش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە سۇ يولىدا توشۇلىدىغان يولۇچى 30 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى ئۇنىۋېرسال توشۇش تەتقىقاتخانىسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ما يىفېي مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىلىق توشۇش كۆلىمىنىڭ يەنە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ئېلىمىزنىڭ قاتناش- تىرانسپورتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەت، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان گۈزەل سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى ياراتقان تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى.
ئەسلىي ماقالە مەنبەسى: ياڭگۇاڭ تورى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)