ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
12:07:45 2024-01-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ) ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان ئاخبارات مەركىزى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، توردىكى ئاخبارات مەركىزى ماس قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سىرتقا ئاخبارات ئېلان قىلدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى، مۇخبىرلىرىغا مۇلازىمەت قىلدى. 

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)دا ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي

 ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى ۋە 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ. ھازىر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك 217 مۇخبىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ 36 مۇخبىرى، ئاپتونوم رايوندىكى تاراتقۇلارنىڭ 157 مۇخبىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننىڭ 20 مۇخبىرى، چەت ئەللىك تۆت مۇخبىر بار.

 ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)دا تەسىس قىلىندى، تور ئاخبارات مەركىزى تىيانشان تورى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا تەسىس قىلىندى. ئاخبارات مەركىزىدە ئىككى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، ئۈچ ئۇنىۋېرسال ئاڭلىتىش ئۆيى، بىر يېشىل ئېكرانلىق ئارقا كۆرۈنۈشنى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ئۆيى، ئىككى ئاڭلىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۆيى، ئىككى مۇخبىرلار خىزمەت ئۆيى، ئىككى ماس قەدەملىك ئېغىز تەرجىمىسى قىلىش ئۆيى بار بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، تور ئالاقىسى، كۆپەيتىپ فاكس يوللاش قاتارلىق كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تور ئاخبارات مەركىزى بارلىق تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، مۇخبىرلار مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىنغان، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى، ئۇقتۇرۇش، ئېلان قاتارلىق يىغىن ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ، يېزىق، سۈرەت، سىن قاتارلىق ئاخبارات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، خەنزۇ تىل- يېزىقى، ئۇيغۇر تىل- يېزىقى، قازاق تىل- يېزىقىدىكى خەۋەرلەردىن باشقا، يەنە ئىنگلىز تىل- يېزىقى، رۇس تىل- يېزىقىدىكى خەۋەرلەر بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.

ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئاڭلىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۆيى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

ئاخبارات مەركىزىنىڭ سۆھبەتلىشىش ئۆيى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

  جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئاخبارات مەركىزى كىتاب ئوقۇش رايونى تەسىس قىلىپ، كۆپ خىل تىل- يېزىقتىكى شىنجاڭنىڭ نەشر بۇيۇملىرى، ئۈن- سىن بۇيۇملىرى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»، «بۈگۈنكى شىنجاڭ»، «چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى»، «قوشنا» قاتارلىق ئالتە خىل تىل- يېزىقتىكى ئون نەچچە خىل گېزىت- ژۇرنال بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا يان تېلېفون تېرمىنالى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ، مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.

  تور ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور ئادرېسى: https://www.ts.cn/news/2024xjlh/

  ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى:

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125