ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) 1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: 2023- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل، پۈتۈن يىلدا ئاپتونوم رايوننىڭ نىزامىدىن 12نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ نىزامىدىن 31نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، 21 تۈرلۈك مەخسۇس دوكلاتنى قاراپ چىقتى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە 10 قېتىم تەشكىللىدى، 13 قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى، يەتتە قارار چىقاردى، 519 ئادەم قېتىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش- ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تاماملىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)