ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) 1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
مۇخبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: شىنجاڭدا ھازىر مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق- شەھەرلىك، ناھىيەلىك- شەھەرلىك- رايونلۇق، يېزىلىق- بازارلىق بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 73 مىڭ 957 كىشى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %65.4نى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن ھازىر 548 كىشى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %63.14نى، ئىشچىلار، دېھقانلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى %40.33نى، ئاياللار %26.46نى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئەمەس زاتلار %34.85نى ئىگىلەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن، ھەر تەرەپتىن كەلگەن، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)