شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن جۇڭگو- فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
18:34:15 2024-01-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 27- كۈنى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى قېلىن مۇزنى چېقىپ تاشلاپ، لاگېرلار ھاڭىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانىدى. بۇ تارىخىي ئىش دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى، بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا مۇھىم ئىلھاملاندۇرۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، باراۋەر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش ئارقىلىق يەرشارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشقا باشتىن- ئاخىر كۈچ چىقاردى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆپلىگەن «بىرىنچى»لەر يارىتىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر سوئالى، تارىخ سوئالى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت تەرەققىيات يولىنى ئورتاق ئېچىشى كېرەك. مەن جۇڭگو- فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو- فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

 ماكرون تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: 60 يىل ئىلگىرى فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن چىقىرىلغان تارىخىي قارار. بۈگۈنكى دۇنيا مىسلى كۆرۈلمىگەن كىرىزىسقا دۇچ كەلدى، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. 2023- يىلى فىرانسىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن بىر يىل بولدى، 2024- يىلى فىرانسىيە- جۇڭگو ھەمكارلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن بىر يىل بولىدۇ. مەن رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت، ياشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى مەسىلىلەردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتىي كۈچ ئارقىلىق فىرانسىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى 60 يىلىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125