بۇرچقا يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش
00:26:47 2024-01-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

2023- يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، شۇنداقلا 13- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش باشلانغان يىل.

بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باسقان قەدەملىرى مەردانە، كۈچلۈك بولدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى جايىدا ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجىلىرى ھەممىگە ئايان: دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سىياسىي تەشكىلات، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش داۋامىدا ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد ساھەسى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى قىسمەن ئەزالارنى كارخانا، زاۋۇت- كانلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى. سۈرەتنى خۇ خەيلۇڭ تەمىنلىگەن  

ئىدىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان- ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسى، مەخسۇس كومىتېت شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئورگان پارتىيە كومىتېتى، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئىبارەت «بەش دەرىجە ھەمتۈرتكە بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە باشلاش، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى ئۈنۈمدە گەۋدىلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەم «كۆڭلىنى توختىتىپ» مەركەزلىك كىتاب ئوقۇپ، ھەم «سىرتقا چىقىپ» نەق مەيداندا تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ماھارىتى. پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق، ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، غەيرىتىنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. «ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى: «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك پىكىر- تەكلىپى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى؛ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى «ئاقىل سۇغىرىش- ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش» «شىنجاڭ چارۋىچىلىقى (كالا، قوي نەسلى)نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش» قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىشكە تەشكىللىدى، تەكلىپ نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى، ئالاقىدار تەكلىپلەر ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بېجىرىشىگە تەستىق سېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى؛ شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، «ئونمىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى يالغۇز بېسىش − مىراسلاردىكى جۇڭگو»نىڭ 3- قىسمى شىنجاڭ بېكىتىدىكى ئىككى سان پىروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىشقا پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ پۈتۈن توردا سىجىل ئالقىشلىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى...

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا كۈچ مۇجەسسەملىدى.

مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش

پارتىيە كومىتېتى چاقىرىق قىلسا، سىياسىي كېڭەش ھەرىكەتكە كەلدى، پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلسا، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيلەشتۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى بىرىكىش نۇقتىسى ۋە باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ، باشتىن- ئاخىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر مەقسەت، بىر نىشاندا بولدى، تەڭ كۈچ چىقاردى، ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭدى، ماس قەدەمدە بولدى.

«شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» «جەمئىيەت كاپىتالىنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى − يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش»... 2023- يىلى 4- ئايدا، 13- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، 11 ئەزا ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن بىرلىكتە چارە- تەدبىر كۆرسەتتى.

ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش دەل جايىدا بولدى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئاچقۇچلۇق جايلار تۇتۇلدى. ھەربىر توغرا ۋە ئېنىق كۆزقاراشنىڭ ئارقىسىغا نۇرغۇن قېتىملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەقىل- پاراسەت جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن.

2023- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى»نى مەركەز قىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى تۇرپاندا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىدە ئۆگىنىش، كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي فوتوسى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىش تېخىمۇ نەتىجىلىك بولدى. «جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى چىڭ كۆزلەپ، مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى؛ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ زۆرۈر ئامىل بەلگىسىنى قېزىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇش»نى چۆرىدەپ ئايلىق كېڭىشىشنى قانات يايدۇردى؛ «ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەخسۇس تېمىسىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسەتتى.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بولدى. شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئىككى مەيدان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، 100دىن ئارتۇق كارخانىچىلار ۋەكىلى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جەمئىي 14 جەھەتتىكى 192 پىكىر- تەكلىپنى رەتلەپ جەملىدى، ئالاقىدار تارماقلار ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر بېجىرىپ ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش يىغىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، ئەزالارنى ئىقتىسادقا نەزەر سېلىش، ئىقتىسادنى مۇھاكىمە قىلىش، ياخشى چارە- تەدبىر كۆرسىتىشكە تەشكىللىدى؛ «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلدى؛ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار ئەزالار، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئۇل خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم تېمىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يۇقىرى سەۋىيەدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى، ئىقتىساد تۈرىدىكى 200گە يېقىن پىكىر- تەكلىپ ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە تېخىمۇ زىچ كۆڭۈل بۆلدى. «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى» «شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش» «قار- مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار- مۇز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»... كىچىك بۆسۈش ئېغىزى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 15 ياشلىق قىزچاق شياۋمۇ «شىنجاڭدىكى بالىلار، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ يۇلۇن ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەرىكىتى» مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن نەپكە ئېرىشتى، ئوپېراتسىيە قىلىش، داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئارقىلىق، بوي ئېگىزلىكى ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى 145 سانتىمېتىردىن 155 سانتىمېتىرغا ئۆستى.

كېڭىشىش نەتىجىلىك، ئىشلەش ئۈنۈملۈك بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2021- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خاس مۇزېي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل ئىز قوغلاپ نازارەت قىلدى، 2023- يىلى يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى 25 خاس مۇزېيىغا ۋىۋىسكا ئېسىشنى ئىلگىرى سۈردى.

دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پائال ئىزدىنىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

تەكلىپ بېرىش − ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم شەكىل. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش» مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ياراتتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەنگە ئېلىنىپ بېجىرىشكە تاپشۇرغان 624 پارچە تەكلىپ ئىچىدىن 15 پارچە نۇقتىلىق تەكلىپنى تاللاپ بېكىتتى، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالدى. 2023- يىلى 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىدە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە جاۋاب بېرىش خىزمىتى تاماملاندى، باشقا تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر، سىياسىي كېڭەش رەئىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى ھەم پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، تەكلىپ خىزمىتىگە يەنە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى تۈزۈم قوشۇلدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ۋە 107 ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بويىچە تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىنى مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە سىڭدۈرۈشنى ئۈنۈملۈك كۈچەش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىدى.

شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ «ئىككى ئاجىز بولۇش» مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دۇچ كەلگەن تېما. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش باش كاتىپلىرىنىڭ خىزمەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «ئاساسىي قاتلامدا كېڭىشىش»تەك خاسلىققا ئىگە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىنى جۇلالاندۇردى.

يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە پىلانى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت- تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت- تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ «ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، بىر شەھەر» سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭلىق- ئاۋمېنلىق- تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە تاشقى ئىشلار خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، قەرەللىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش خاس داڭلىق ماركىسىنى بىرلىكتە يارىتىپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش» يېڭى يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى...

ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش. يېڭى بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125