ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 541 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى
00:28:48 2024-01-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ 1- ئاينىڭ 27- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلغان 541 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىلگەن ۋە جاۋاب قايتۇرۇلغان.

بېجىرىش ئۈستىگە ئېلىنغان 541 پارچە تەكلىپ ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكىسى 257 پارچە، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكىسى 176 پارچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىكىسى 38 پارچە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكىسى 48 پارچە، سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكىسى 22 پارچە. 541 پارچە تەكلىپنى بېجىرىش ۋەزىپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى 62 ئورۇن ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كېڭىشىش نىسبىتى، بېجىرىلىش نىسبىتى، رازى بولۇش دەرىجىسى بىردەك %100 بولغان، بېجىرىلىش نىسبىتى %91.5كە يەتكەن.

تەكلىپ بېجىرىش نەتىجىسىدە، ھەل قىلىنغىنى ياكى قوبۇل قىلىنغىنى 315 پارچە بولۇپ، %58.23نى ئىگىلەپ، 2022- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.5 ئاشقان؛ ئالغا سىلجىتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ ھەل قىلىنىدىغىنى 180 پارچە بولۇپ، %33.27نى ئىگىلەپ، 2022- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.6 تۆۋەنلىگەن؛ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەردىن ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولماي، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىشقا قالدۇرۇلغىنى 46 پارچە بولۇپ، %8.5نى ئىگىلەپ، 2022- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1.9 تۆۋەنلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە تەتقىق قىلىش، بىللە ئالغا سىلجىتىش، بىللە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان تارماق(ئورۇن)لارنىڭ تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئالتە پارچە نۇقتىلىق تەكلىپنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىش، بېجىرىش لايىھەسىگە ھۆكۈم قىلىش، مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىش، بېجىرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەش، بېرىلگەن جاۋابتىكى پىكىرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە چىڭ تۇردى. ئالتە پارچە تەكلىپ بېجىرىلىپ بولدى ھەم ئەزالارغا جاۋاب بېرىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «مەزمۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، بېجىرىلىشى يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش» پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ تەتقىق قىلىپ، بېجىرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇقاتلام تۇتىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەربىر تەكلىپنىڭ ۋاقتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك بېجىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بىر- بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇش، ھەربىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

بىر يىلدىن بۇيان، تەكلىپ بېجىرىش نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان بولدى. مېتال يېڭى ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ قوبۇل قىلىندى؛ يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشلامچى كارخانىسى بەرپا قىلىش، يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ- خەتىرىنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا يېتەكلەشنى تەدبىر پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈركۈم تەكلىپلەر تولۇق قوبۇل قىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇندى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلار پۇختا بېجىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125