ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
00:39:47 2024-01-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي) 1- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇقسىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە)، كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ تەكلىپ قىلىش دائىرىسى، سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى، گۇرۇپپىلارغا ئايرىش چارىسى ۋە گۇرۇپپا يىغىنى چاقىرغۇچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، ھەر قېتىملىق يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋە رىياسەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى، يىغىن باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە باھا بېرىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇجەسسەملەش»تىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، ھەرقايسى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»تىن ئىبارەت سىياسىي ئورتاق تونۇشنى «ئىككىنى قوغداش»تىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ سەمىمىي تەكلىپ بېرىش، ياخشى چارە- تەدبىرلەرنى پىلانلاش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، يىغىننىڭ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125