ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي) 2023- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش پائالىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالدى. ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، 283 تەكلىپ تاپشۇردى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلغان ئۇچۇر 300دىن ئاشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)