ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، يىغىنغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى.