2023- يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشى باشلانغان يىل. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دىققىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئاپتونوم رايون تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشتى.