شى جىنپىڭنىڭ دۇنخۇاڭغا بولغان مۇھەببىتى
21:07:08 2024-01-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

 دۇنخۇاڭ، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدىكى سۈزۈك بۇلاققا ئوخشاش، ئۆتمۈشنى ئەينەكتەك كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

 80 يىل ئىلگىرىكى 1944- يىلى 1- ئايدا، دۆلەتلىك دۇنخۇاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «دۆلەتلىك دۇنخۇاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ، دۇنخۇاڭ تاش غارلىرىنىڭ 400 يىلغا يېقىن باشقۇرىدىغان ئادەم يوق بولۇش، خالىغانچە بۇزۇۋېتىلىش، كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە ئوغرىلىنىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، زور كۈچ بىلەن قوللىدى».

 كۆپ يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىپەك يولىدىكى ئاساسى چوڭقۇر بۇ قەدىمىي ۋىلايەتكە بولغان تەلپۈنۈشىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. 2019- يىلى 8- ئايدا، باش شۇجى بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سەپەردە بىر ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردۇم.

 دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈلگىسىنى يارىتىشتىن دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقىچە؛ موگاۋ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشتىن دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقىچە... سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي تاپشۇرۇق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت تومۇرىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشىنى نامايان قىلدى.

 «مەن ئىزچىل دۇنخۇاڭغا تەلپۈنۈپ كەلدىم»

 دۇن (敦) دېمەك زور دېمەكتۇر؛ خۇاڭ (煌) دېمەك گۈللىنىش دېمەكتۇر. يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار دۇنخۇاڭدا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيلىك گىرەلىشىپ، موگاۋ غارىنىڭ جۇلالىق ھۆسنىنى ھاسىل قىلغان.

سۈرەتتە: 2023- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان گەنسۇ دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدىكى غار رايونى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن بىن فوتوسى

 2019- يىلى باش كۈزدە، گەنسۇدا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كەلدى.

 موگاۋ غارىنىڭ 323- غارىغا كىرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىمالىي تامدىكى بىر پارچە تام رەسىمىگە نەزەر سالدى.

موگاۋ غارىنىڭ 323- غارىدىكى جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغانلىقى توغرىسىدىكى رەسىم. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن سۈرەت)

 «بۇ جاڭ چيەن» دېدى باش شۇجى ۋە ئۇلاپلا يەنە سورىدى: «بۇ قايسى دەۋردە سىزىلغان؟»

 «تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سىزىلغان» دەپ تونۇشتۇردى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولغان دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇڭ شۇشيا باش شۇجىغا.

 بۇ گەرچە باش شۇجىنىڭ موگاۋ غارىغا تۇنجى قېتىم كىرىشى بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پىششىق بىلىش دەرىجىسى خىزمەتچى خادىملارنى ھەيران قالدۇردى ۋە تەسىرلەندۈردى.

 بۇ خىل پىششىق بىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنخۇاڭغا بولغان ئۇزاقتىن بۇيانقى چوڭقۇر رىشتىدىن كەلگەن.

 1986- يىلى، ئەينى چاغدا شيامېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان يولداش شى جىنپىڭ گەنسۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ۋاقىت قىس، يول يىراق بولغاچقا دۇنخۇاڭغا بارالمىغانىدى. 30 نەچچە يىلدىن كېيىن ئىلگىرىكى بۇ ئىش توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى ئەينى چاغدىكى ئاشۇ ئەپسۇسلىنىشىنى يەنە تىلغا ئالدى.

 كېيىن، جېجياڭدا ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭ داشۆگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، «جېجياڭ داشۆ مەدەنىيەت خەزىنىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، داڭلىق دۇنخۇاڭشۇناس جياڭ لياڭفۇنىڭ ئىلىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىدى.

 مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 2009- يىلى، يولداش شى جىنپىڭ لەنجوۋ داشۆگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، لەنجوۋ داشۆ دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ بىڭلىنغا «دۇنخۇاڭشۇناسلىق ئىلمىنى كۈچەيتىپ ۋە زورايتىپ دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈڭلار» دەپ تاپىلىدى...

 «قەلبتىكى تەلپۈنۈش»نىڭ ئارقىسىغا ئىنتايىن چوڭقۇر ئويلىنىش مۇجەسسەملەنگەن.

 تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق، خېشى كارىدورىدىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەر، دۇنخۇاڭنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى تۈرلۈك- تۈمەن ئۆزگىرىشلەر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

 سەلتەنەتلىك خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، بۇ جايدىن چاڭئەنگە بېرىشتىكى نەچچە مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە 80 نەچچە ئۆتەڭ بار بولۇپ، يول بويى «ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن»، دۇنخۇاڭ تېخىمۇ مۇھىمى «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئەتراپتىكى رايونلار ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان مەركىزىي شەھەر» بولغان.

 سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى گۈللەنگەن مەزگىلدە، يىپەك يولىدىكى شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ يول «دۇنخۇاڭدا تۇتىشىدىغان» بولۇپ، دۇنخۇاڭ يىپەك يولىدىكى «مۇھىم ئۆتكەل» بولۇپ قالغان، بۇ جايدا كولدۇرما ئاۋازى ياڭراپ، سودىگەرلەر توپلانغان.

 نەچچە مىڭ يىللىق ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتكەن قەدىمىي يىپەك يولى قايتا جۇلالاندى.

 2013- يىلى 9- ئاي، قازاقىستان نەزەربايېف داشۆسى. كىشىلەر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئېسىدە ساقلاپلا قالماي، بۇ چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان سۆزلىرىنى ئېسىدە تېخىمۇ چىڭ ساقلىۋالدى −

 «يۇرتۇم شەنشى دەل قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا جايلاشقان. بۇ جايدا تۇرۇپ، تارىخنى ئەسلىگىنىمدە، مەن خۇددى تاغلار ئارىسىدا ياڭرىغان كولدۇرما ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتا ئاندا- ساندا كۆتۈرۈلگەن ئىس- تۈتەكلەرنى كۆرگەندەك بولىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن».

 دۇنخۇاڭ باش شۇجىنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.

 تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى (دۇنخۇاڭ) خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «دۇنخۇاڭ تارىختىكى شەرق- غەرب مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان مۇھىم تۈگۈن» دەپ تەرىپلىدى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى قەدىمكى يىپەك يولى ئۈستىدە توختىلىپ، دۇنخۇاڭ قاتارلىق قەدىمىي شەھەرلەرنى «بۇ بىر بۆلەك تارىخ خاتىرىلەنگەن <تىرىك تاشقاتما>» دەپ ئاتىدى...

 «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى مېۋە بېرىپ، تەدرىجىي ھالدا بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ قارشى ئېلىنغان خەلقئارالىق ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلانغاندا، بۇ «تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغۇچى» دۇنخۇاڭغا كەلدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئېنىق قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈردى: «ھازىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا بىز <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، بىز يەنە قەدىمكى يىپەك يولىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا نەزەر سالساق، نۇرغۇن ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز».

 مول ۋە قىممەتلىك تارىختىن ئەقىل- پاراسەت قوبۇل قىلىش، ئۇزاق داۋاملاشقان مەدەنىيلىكتىن كۈچ- قۇۋۋەتكە ئېرىشىش.

 دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدا ئىلىم نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئىكسكۇرسىيە قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قېنىق يېشىل رەڭلىك تاغ- دەريا رەسىمى ئالدىدا ئۇزاق تۇردى.

 رەسىمدە تىك قىيا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، شارقىراتمىدىن سۇ ئېقىپ چۈشەتتى، دەريا- ئېقىنلار تولغۇنۇپ ئېقىۋاتقان بولۇپ، پېلەكلىك ئوت- چۆپلەر ساڭگىلاپ تۇراتتى. تاغ باغرىدىكى دەريا بويىدا يولۇچىلار كېتىۋاتقان بولۇپ، يول بويىدىكى چېچەكلەر ئېچىلىپ، ئەتراپ باھار نۇرىغا چۆمگەنىدى.

 ئەينى چاغدا دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان جاۋ شېڭلياڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بۇ تام رەسىمى تەقلىد بۇيۇمىغا موگاۋ غارى 217- غارىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان بولۇپ، ھىندىستانلىق راھىب فوتوپولىنىڭ ۋۇتەيشەن تېغىغا ئىككى قېتىم كېلىپ ئىبادەت قىلغانلىق ھېكايىسى بايان قىلىنغان. قېنىق يېشىل رەڭلىك تاغ- دەريا رەسىمىدە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئېستېتىك روھى نامايان قىلىنغانىدى.

 بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەردىن سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان رەسىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يوقىلىپ كەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قېنىق يېشىل رەڭلىك تاغ- دەريا رەسىمى موگاۋ غارىدا كېيىنكىلەر ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغان بىر بۆلەك قىممەتلىك مەدەنىيەت ئەسلىمىسى ھېسابلىنىدۇ.

 «ئەگەر جۇڭگونى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخ ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن تونۇمىغاندا، قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ 2023- يىلى 6- ئايدا ئېچىلغان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مەدەنىيەت تومۇرىنى قەدىرلىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ.

 فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيىشەن تېغىدىكى جۇشىيۇەنگە كەلگەندە، «بىز جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىنىڭ جەۋھىرىنى قېزىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مېيشەن تېغىدىكى سەنسۇسى ئىبادەتخانىسىدا، «سەنسۇسى ئىبادەتخانىسىدىن بىزنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېدى ھاياجانلانغان ھالدا؛ خېنەن ئەنياڭدىكى يىنشۈ خارابىسىگە بارغاندا، «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بىزنىڭ ئۇلۇغ مىللىتىمىزنى ياراتتى، بۇ مىللەت يەنە داۋاملىق ئۇلۇغ مىللەت بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى...

 بارلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيلىكنىڭ ئالغا بېسىشىنى باشلامچى ۋە ئاساس قىلىدۇ.

 دۇنخۇاڭغا بولغان مۇھەببەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشى، يىراقنى كۆرەرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ −

 «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ».

 «ياخشى قوغداش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ»

 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى فەن جىنشى «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دېگەن دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشتى.

 ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە چاچلىرى ئاقارغان، ۋىجىكرەك كەلگەن فەن جىنشى ئاستا قەدەم بىلەن ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە قاراپ ماڭدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوردېن بېرىش سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بۇ «دۇنخۇاڭ قىزى» بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

 «ئاڭلىسام سىلەرنىڭ ئۇ يەردە يامغۇر يېغىپتۇ ھە؟»

 «شۇنداق، باش شۇجى، بىز ئالاقىدار كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمىز».

 دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك- تۈمەن خىزمەتلەر ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنخۇاڭدىكى يامغۇر سۈيىگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدۇ؟

 بۇنىڭدىن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا، فەن جىنشى دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان بىر قاتار تەبىئىي ئامىللارنى دوكلات قىلدى، سۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

 «ساياھەتچىلەر سانى نۆۋەتتە نورمىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ؟ نورمىدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى قانداق؟» «يېقىنقى يىللاردا دۇنخۇاڭدا يامغۇر كۆپ ياغدىمۇ؟»... سۆھبەت يىغىنىدا، ساياھەتچى سانىدىن تەبىئىي ئاپەت تەسىرىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. يىغىن تارقىغاندا، باش شۇجى يەنە ئىشىك ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ، كۆپچىلىككە ئالايىتەن مۇنداق تاپىلىدى: «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ساياھەتچىلىك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىشىك بېلىتىنىلا كۆزلەپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىشقا بولمايدۇ، زىيادە تاۋارلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ».

 فەن جىنشى ئىزچىل ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى دۇنخۇاڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر».

 بارلىق شەيئى پەيدا بولۇش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇنى بىلىش ئۈچۈن ماھىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك.

 «جۇڭخۇا زېمىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەربىر ئادەم چوقۇم ئۇنىڭ ھەربىر ئېقىنىنى، ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىنى، ھەربىر بەت شانلىق تارىخىنى ياخشى كۆرىدۇ.» ئىلگىرى خېبېي جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى مۇشۇنداق ئىپادىلىدى.

 دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىنىڭ 61- غارىدىكى جېڭدىڭ، تەييۈەندىن ۋۇتەيشەن تېغىغىچە بولغان 500 چاقىرىم دائىرىدىكى تاغ- دەريالارنىڭ قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە ۋۇتەيشەن تېغىنىڭ رەسىمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئويغاتتى.

 جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ ناھىيە تەزكىرىسىدە خاتىرىلەنگەن قەدىمىي ئىبادەتخانا، قەدىمىي مۇنار قاتارلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورۇنلىرىنى دائىم زىيارەت قىلدى.

 لۇڭشىڭ ئىبادەتخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ بىر ئابىدىنى كۆردى، ئابىدىگە جۇ شى يېزىپ بەرگەن «رۇڭشى» دېگەن ئىككى خەت ئويۇلغان. يېنىدا يەنە سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر ئابىدە بولۇپ، ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەچكە، نۇرغۇن جايلىرى شامالدا ئۇپراپ كەتكەنىدى.

 ئەينى چاغدا، يولداش شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن ئابىدىنى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ، جۇ شى بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن ئابىدىنى پېچەتلەپ ياخشى قوغداڭلار، ئاۋۇ سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئابىدىنىمۇ پېچەتلەپ ساقلاڭلار».

 كېيىن، دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرى يەنە جېڭدىڭدىكى لۇڭشىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر بۆلەك ئالاھىدە ئەسلىمە قالدۇردى.

 30 نەچچە يىلدىن كېيىن، موگاۋ غارىنىڭ 61- غارىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ ئابىدىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ، جېڭدىڭدىكى تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش جەريانىدىكى ئىشلارنى تەپسىلىي ئەسلىدى.

 «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش تارىخقا مەسئۇل بولغانلىق، خەلققە مەسئۇل بولغانلىق».

 نەچچە ئون يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش ئارقىلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

 بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىدىكى شىمالغا سوزۇلغان يەنشەن تېغى ئېتىكىدە، جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيى ياپيېشىل تاغ، قويۇق ئورمانلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

 2023- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساراي ئىچىدىكى لەنتەي دۇڭكۇ ئامبىرىغا كىردى. دۇڭكۇ ئامبىرىنىڭ تورۇسىدا، دۇنخۇاڭدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە تام رەسىملىرىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان پەرىزات ئوبرازى شەرقنىڭ ئېستېتىك تەسىرچانلىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

 «گۈللەنگەن دەۋردە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ.» لەنتەي دۇڭكۇ ئامبىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ سۆزنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر قىسىم قەدىمكى كىتابلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقىلىپ كەتتى» «لېكىن ھەربىر دەۋردە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، ساقلاپ قالغان. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە، بىرىنچىدىن، تىنچ، مۇقىم بولۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، مىللەت مەدەنىيىتىنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇشى، يەنە مۇشۇنداق ئىقتىدار بولۇشى كېرەك. شارائىت ھازىرلانغان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ چوڭ ئىشنى ۋاقتىدا ياخشى قىلىش كېرەك».

 بۇنى قانداقمۇ دۇنخۇاڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىد دېمەي تۇرالايمىز؟

 يېقىنقى 400 يىلدىن بۇيان باشقۇرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، ئوغرىلىق، بۇزغۇنچىلىقنى باشتىن كەچۈردى... سانسىزلىغان ئاي- يىللارنى بېسىپ ئۆتكەن، نۇرغۇن قېتىملىق مۈشكۈلاتنى باشتىن كەچۈرگەن دۇنخۇاڭ تاش غارلىرى ئاخىر بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلدى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇياش نۇرىدا، بۇ گۆھەردىكى چاڭ- توزانلار سۈپۈرۈپ تاشلىنىپ قايتىدىن جۇلالاندى.

 دۇنخۇاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ موگاۋ غارىدىكى غار رايونىدا ماڭدى. غارنىڭ سىرتى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىنكى قىيا گەۋدىسى ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغانىدى.

 جاۋ شېڭلياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇنداق تونۇشتۇردى: 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ بېشىدا، دۆلەت ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان شارائىتتا، مەركەز زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، موگاۋ غارىدىكى خەتەرلىك قىيالارنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، موگاۋ غارىنى قۇتقۇزۇپ رېمونت قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مەركەز مالىيەسى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

 تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلانغانلىقىنى، ئۇلۇغ دەۋرنىڭ قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

 دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى كۆپ مەيدان باغلىنىشلىق تەجرىبىخانىسىدا، دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتى قوغداش تەتقىقات ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملار تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى كۆڭۈل قويۇپ خاتىرىلەۋاتاتتى.

 تەجرىبىخانا 2020- يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن باشلاپ، يازلىق ئامبار، قىشلىق ئامبار ۋە بوران- چاپقۇن مەزگىلىدىكى ئامبار دەپ ئايرىلدى، نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن يۇقىرى 60 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، %10تىن %90كىچە نىسپىي نەملىك مۇھىتىغا تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ. موگاۋ غارى قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن تاش- توپا ئەۋرىشكىلىرى ھەر خىل ھاۋارايى شارائىتىدىكى سىناقتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئارقىلىق تاش غار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇپرىشىدىكى سىرلارنى ئېچىپ، قاراتمىلىق ھالدا قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغىلى بولىدۇ.

 «تىرىشىپ تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلۇشىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك» «ئىلغار پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»... باش شۇجىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بۇ يەردىكى ھەربىر كىشىنى ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.

 «چۆللۈكتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش» − باش شۇجى شى جىنپىڭ بايان قىلغان موگاۋ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنماقتا. موگاۋ غارىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن تام رەسىملىرى ئالدىدا، يىنشۈ خارابىسىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنىدا، سەنشىڭدۈي مۇزېيىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سارىيىدا... مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغدىغۇچىلار جۇڭخۇا زېمىنىدىكى مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدىماقتا.

 مەدەنىيەت تەقدىرى دۆلەت تەقدىرى بىلەن باغلانغان، مەدەنىيەت تومۇرى دۆلەت تومۇرى بىلەن تۇتاشقان.

 فۇجيەن سەنفاڭ چىشياڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، گۇلاڭيۈ ئارىلىدىكى سەككىز قىرلىق بىنانى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللىدى، جېجياڭدا لياڭجۇ خارابىسىدىن ئىبارەت بۇ «جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي»نى قوغدىدى...

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىرادىدىن قايتماي قەدىمىي مەدەنىيەت تومۇرىنى قوغدىشى سېپىل راۋىقىغا چىقالايدىغان، قەدىمىي مۇنارنى كۆرەلەيدىغان، يۇرتنى سېغىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن مەدەنىيەت ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمىنى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئاستا- ئاستا نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ ئىستىقبالىنى چەكسىز شان- شەرەپكە ئىگە قىلدى −

 «بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بۇ جايدا! ئىنتايىن مەدەنىي، ئالغا باسقان، ئىلغار. كەلگۈسىدە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، يەنە 5000 يىل داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا 5000 يىل بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ».

 «دۇنخۇاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىش كېرەك»

 گەنسۇ لەنجوۋ، تەرمىلەر نەشرىياتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى. بىرىنچى قەۋەتتىكى ئوتتۇرا زالدىكى كۆرگەزمە ئىشكاپىدا 2022- يىلى نەشر قىلىنغان «گەنسۇدا ساقلىنىۋاتقان دۇنخۇاڭغا ئائىت زاڭزۇ يېزىقىدىكى ھۆججەت- ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى» كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرمىلەر نەشرىياتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بۇ يەردە، باش شۇجى دۇنخۇاڭنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى.

 مۇئاۋىن باش دىرېكتور فۇ كاڭنيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان دۇنخۇاڭغا ئائىت ھۆججەت- ئەسەرلەر ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، مول تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىرقانچە يىلدا، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنخۇاڭغا، تارىشا پۈتۈكلەرگە ئالاقىدار زور بىر تۈركۈم كىتابلارنى نەشر قىلدۇق».

 دۇنخۇاڭدىكى نوم ساقلاش ئۆڭكۈرىدە بىر بۆلەك «دۆلىتىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئازابلىق تارىخ» خاتىرىلەنگەن.

 1900- يىلى نوم ساقلاش ئۆڭكۈرى بايقالدى. شۇ چاغدا دۆلەتنىڭ كۈچى ئاجىز بولغاچقا، سانسىزلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەملىكەت سىرتىغا ئېقىپ كەتتى.

 موگاۋ غارىدىكى نوم ساقلاش ئۆڭكۈرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داۋجياۋ راھىبى ۋاڭ يۈەنلۇنىڭ نوم ساقلاش ئۆڭكۈرىنى بايقاش جەريانىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆزلەپ بەردى.

 ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى:«دۆلەت قۇدرەت تاپقاندىلا، ئاندىن مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ».

 2023- يىلى 4- ئايدا، «رەقەملىك نوم ساقلاش ئۆڭكۈرى» تورغا چىقىرىلىپ، رەقەملىك قوشكېزەك تېخنىكا ئارقىلىق ئۆڭكۈرنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

 بارماقلىرىنى مىدىرلىتىپلا، ئابۇنىچىلار ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئېلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى قاتارلىق مەزگىللەردىن «ھالقىپ ئۆتۈپ»، راھىب خۇڭ بيەن قاتارلىق تارىخىي شەخسلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆڭكۈر ياساش، نوم تىزىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىلەرنى ھېس قىلىپ، دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە باشتىن كەچۈرەلەيدۇ.

 «دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقىنى پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا رەقەملەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، «رەقەملىك دۇنخۇاڭ» قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ رېئاللىققا ئايلانماقتا.

 دۇنخۇاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي يۇرتقا تۇتۇشىدىغان مۇھىم دەرۋازىسى. قەدىمكى جۇڭگو مەدەنىيلىكى قەدىمكى ھىندىستان، قەدىمكى يۇنان، قەدىمكى پارس قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ئىدىيە، دىن، سەنئەت، مەدەنىيەت بىلەن بۇ جايدا توپلىنىپ يۇغۇرۇلغان.

 ئەلچى جاڭ چيەن يىراق غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلدى، سا دو شاھزادە ئۆزىنى قۇربان قىلىپ، يولۋاسقا ئوزۇق بولدى، باربىت تەڭكەش قىلىنغان شادىيانە ئۇسسۇل ئۇزاق يىل ئورۇنلاندى... تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، موگاۋ غارىدىكى نەچچە يۈز غار ئىچىدىكى جان كىرگۈزۈلگەن تام رەسىملىرىدە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ روشەن ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان.

 «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى نېگىزىدىن ئېيتقاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگودا ھەرقايسى دىنىي ئېتىقاد كۆپ مەنبەلىك، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىناق ئەندىزىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغان كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن.» مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي بولدى.

 تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە مەدەنىيلىكلا ئۆز مىللىتىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش بىلەن بىللە، تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى سىغدۇرالايدۇ، ئۆرنەك قىلالايدۇ، قوبۇل قىلالايدۇ؛ قەلبىگە ئىشەنچنى پۈككەن مىللەتلا تارىخ دولقۇنىنىڭ ئۆركەشلىشى داۋامىدا تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرالايدۇ، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشالايدۇ. دۇنخۇاڭ دەل مۇشۇ تارىخىي مۇساپىنىڭ ئۆچمەس گۇۋاھچىسى.

 مۇشۇنداق سىغدۇرۇشچان ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا، دۇنخۇاڭ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە كەلگۈسىگە ئاتلاندى.

 دۇنخۇاڭشۇناسلىقنىڭ 100 يىلىغا نەزەر سالساق، دەسلەپكى يىللاردىكى ھۆججەت- ئەسەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىشتىن كېيىنكى مەزگىلدىكى تارىخنى تولۇقلاش، تارىخنى ئىسپاتلاشقىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار تىرىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كاسات ئىلىم»نى يوقىلىپ كەتمەسلىك، «خەلقئارادا زور تەسىر پەيدا قىلغان داڭلىق ئىلىم»نى تېخىمۇ گەۋدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، جېڭ بىڭلىن باش شۇجى شى جىنپىڭغا «دۇنخۇاڭ ئومۇمىي تارىخى»نى تۈزۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ بىر يۈرۈش كىتاب نەشردىن چىقىپ، دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

 دۇنخۇاڭنى قوغداش ئەمەلىيىتىدە يەكۈنلەپ، تاۋلاپ چىقىلغان ئالاقىدار قوغداش ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلەنمەكتە. دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى سۇ بومىن مۇنداق دېدى: بۇ ئىدىيە ۋە تېخنىكىلار 500دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا قوللىنىلدى ھەم قىرغىزىستان قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلەندۈرۈلدى.

 تارىخىي سىياھقا تويۇنۇپ، يېڭى تارىخنى پۈتۈپ چىقىش.

 مەملىكەت سىرتىغا ئېقىپ كەتكەن دۇنخۇاڭغا ئائىت ھۆججەت- ئەسەرلەر رەقەملەشتۈرۈش شەكلىدە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە، قەدىمىي تام رەسىملىرىدىكى توققۇز رەڭلىك بۇغا مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە»، «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى» ناملىق لەرزان ئۇسسۇل دۇنيانى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغاندا، «دۇنخۇاڭ جۇڭگودا بولسىمۇ، دۇنخۇاڭشۇناسلىق چەت ئەلدە بولۇپ قېلىش» ۋەزىيىتى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىلگەندە... «دۇنخۇاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى تارقىتىش» ئارزۇسى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا، قەدىمىي مەدەنىيەت تومۇرى يېڭى دەۋردە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

 مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ تەسىرلەندۈرۈش ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشماقتا.

 «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كېرەك» − يېڭى دەۋر، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنىڭ چاقىرىقىدا، قەدىمىي دۇنخۇاڭ ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ نېگىزلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملىمەكتە!

 (مۇخبىرلار شياڭ چىڭكەي، شى يۈسېن، ۋاڭ پېڭ، جاڭ چىن، جاڭ يۈجيې)

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125