ئىدارە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرامدۇ؟ پىتنە- ئىغۋا
ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ئادەتتە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى (ياكى شەخسنىڭ ئالدىنقى ئايلىق مائاشى) بويىچە بېكىتىلىدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن چېكى بولىدۇ. ئەگەر ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانى شۇ جاي بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانىدىن تۆۋەن بولسا، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرىدۇ؛ ئەگەر ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى شۇ جاي بەلگىلىگەن ئەڭ يۇقىرى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىدىن يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)