نۇرغۇن دوست ئۆردەك تۇخۇمى يېسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى كۆپرەك يېسە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ راستمۇ؟ تۆۋەندە مۇتەخەسسىسلەرنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.
ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتە، ئۆردەك تۇخۇمى بىلەن توخۇ تۇخۇمى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئىككىسىنىڭ ئاقسىل مىقدارى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى جەھەتتىمۇ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار، لېكىن ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى. بازاردىكى ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ كۆپىنچىسى تۇزلانغان ئۆردەك تۇخۇمى بولۇپ، تۇز مىقدارى يۇقىرى، كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022)»دە، ئىككى ياشتىن يۇقىرى ساغلام كىشىلەر ھەر ھەپتىدە 300 گىرامدىن 350 گىرامغىچە تۇخۇم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، دەپ تەكلىپ بېرىلگەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان تۇخۇم 50 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ تەخمىنەن تەخمىنەن بىر دانە توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدۇ. ئادەتتىكى ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 60 - 70 گىرام كېلىدۇ.
قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشنى پەقەت يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس، يەنە دورا بىلەن داۋالاش، مۇۋاپىق غىزالىنىش، ئىلمىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىلمىي داۋالاش كېرەك.
«پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)