ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
11:44:44 2024-01-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

 شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

 يىل تەرتىپى ئالمىشىپ، شانلىق سەھىپە كۈنسېرى يېڭىلاندى. بۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

 ئۆتۈپ كەتكەن 2023- يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر قېتىم بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول باشلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

 بۇ بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى.

 2023- يىلى يەنە 13- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش باشلانغان يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باشتىن- ئاخىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر مەقسەت، بىر نىشاندا بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە مېڭىپ، ماس قەدەمدە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشتا يېڭى يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدى؛ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خاس داڭلىق ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى؛ سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ نەتىجىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا ئېلىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە تېخىمۇ زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملىدى.

 ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كۈچ مۇجەسسەملەندى، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى. 2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، چارە- تەدبىر كۆرسىتىش سىياسىي ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكى، ئالاقىسى كەڭ بولۇش بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھە زاتلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇجەسسەملەش»تىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىشى كېرەك.

 شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەردە، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»تىن ئىبارەت سىياسىي ئورتاق تونۇشنى «ئىككىنى قوغداش»تىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى ياخشى سىزىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

 يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125