شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلار سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا ۋە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى
11:49:17 2024-01-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو چيەن) 1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

 بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىنىشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مەريەم ئىسمايىل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شۈ ئايرىم- ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 باياناتچىلار مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى تۆت كۈن؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى ئۈچ يېرىم كۈن.

 ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئىككى يىغىنىدا يەنە تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھ دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شۆيۈەنى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى قىسمەن تاراتقۇلار خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. يىغىن مەزگىلىدە، يەنە ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى داۋاملىق ئېچىلىدىكەن.

 خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 14 تاراتقۇ، شياڭگاڭ رادىيو ئىستانسىسى، نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى، فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، ئاۋمېن گېزىتى قاتارلىق شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئون تاراتقۇ، تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە ئانتارا دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، سىنگاپور دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى، قازاق خەلقئارا ئاگېنتلىقى قاتارلىق تۆت چەت ئەل تاراتقۇسى، جەمئىي 88 جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم نەق مەيداندا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.

 ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن تور ئاخبارات مەركىزى ئارقىلىق «سۈرەت، يېزىق + سىن» شەكلىدە بىۋاسىتە تارقىتىلدى، تىيانشان تورى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، يىپەك يولى ئۈن- سىن ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، «شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش» ۋىيبو، ۋىيشىن نومۇرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەرلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىنىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ماس قەدەمدە بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

 ئىككى يىغىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشتىن پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دۆلەت ئوبرازىنى ياراتقانلىقى، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125