سوئال: «تېز توك قاچىلاش»نىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ باتارىيەسىگە كۆرسىتىدىغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولامدۇ؟
جاۋاب: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى جەھەتتىن ئومۇمەن ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىل دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ باتارىيەسىنىڭ سىغىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئادەتتە تېز توك قاچىلاش ۋە ئاستا توك قاچىلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل توك قاچىلاش ئۇسۇلى بار؛ توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىلنىڭ باتارىيەسىنىڭ سىغىمى بىر قەدەر كىچىك، بەزى ئاپتوموبىللارغا پەقەت ئاستا توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىلا سەپلەنگەن. تېز توك قاچىلاشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغان باتارىيەگە كۆرسىتىدىغان زىيىنى ئاستا توك قاچىلاشقا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، باتارىيەگە قانداق زىيان كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىشلىتىش قېتىم سانىغا قاراش كېرەك، ئاددىي ھالدا «تېز توك قاچىلاش باتارىيەنى زەخىملەندۈرىدۇ» دېيىش توغرا ئەمەس. كۆپ قېتىم تېز توك قاچىلاش ئاستا توك قاچىلاشقا سېلىشتۇرغاندا باتارىيەگە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، لېكىن، ئەگەر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى لايىھەلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا BMS (باتارىيە باشقۇرۇش سىستېمىسى)، باتارىيەنىڭ زىچلىقى، ماتېرىيال، تېمپېراتۇرا قاتارلىقلارنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە تېخنىكا ئىلغارلىقىنى تولۇق ئويلاشقاندا، تېز توك قاچىلاشنىڭ باتارىيەنىڭ ئايلانما توك قاچىلاش ئۆمرىنى قىسقارتىشىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئاپتوموبىللارغا يۇقىرى توك بېسىمى سۇپىسىنىڭ سەپلىنىشى، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى بېسىملىق تېز توك قاچىلاش يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ مۇھىم يۈزلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)