قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | قىشتىكى ئىللىقلىق
12:25:59 2024-01-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋاڭ شىڭلۇڭ

 قىش كېتىپ باھار كېلىدۇ، كەچمىشلەر تۇمان كەبى بارا- بارا غۇۋالىشىپ كېتىدۇ. ئاشۇ قەھرىتان قىشتىكى ئۆچمەس ئوت يالقۇنلىرى، خۇددى ئۆركەشلەپ ئاققان ئىللىق ئېقىندەك، قەلبىمدە مەيىن دولقۇنلارنى كۆۋەجىتىپ، تا ھازىرغىچە باغرىمنى ئىللىتىپ كەلمەكتە.

  ئۇ 2022- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ئىدى، قىشلىق كۈن- تۈن توختاش كۈنى يەيدىغان كاتتا غىزانى تەييارلاۋاتقان چېغىمدا، تۇيۇقسىز، سوغۇق شامال چىقىپ، كىيىملىرىم ھوۋۇلداپ قالغاندەك، پۇت- قوللىرىم مۇزلاپ، ماغدۇرسىزلىنىپ، بەدەن تېمپېراتۇرام 37.8 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى. مەن دەرھال قولۇمدىكى ئىشنى قويۇپ، كارىۋاتقا چىقىپ ئارام ئالدىم. بۇ چاغدا، ئايالىم ئىككىلىمىزنىڭ 75 ياشقا كىرىپ قالغىنىمىزدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي كېسىلىمىز بارلىقىدىن، كېسىلىمىزنى ھەرگىز ئېغىرلىتىۋالساق بولمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىدى. ئۇ پايپېتەك بولۇپ، ماڭا زەنجىۋىل، پىياز چېيى قاينىتىپ بەردى، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن تەرلىرىمنى سۈرتۈپ، تاماقنى كارىۋات بېشىغا ئەكىلىپ بەردى.

  كەچتە، يۇرتدىشىمىز شياۋجۇ تېلېفون قىلىپ: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس مۇسبەت چىقتىمۇ؟ بىر نەرسە لازىم بولسا ماڭا ھايت دەڭ- ھە» دېدى. مەھەللە شۇجىسى، مۇدىرى قاتارلىقلار مەن بىلەن ۋېيشىندا ئالاقىلىشىپ، ئەھۋال سورىدى. مەن بەرداشلىق بەرسەملا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىمنى ئاشكارىلىمىغان ئىدىم. 

 بىراق ئىككىنچى كۈنى ئايالىممۇ قىزىپ قالدى. سۇجوۋ سانائەت رايونىدا تۇرىدىغان ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ ئارقا- ئارقىدىن «مۇسبەت» بولۇپ چىقتى. ئۆيدە تەييارلاپ قويغان دورا يوق، قانداق قىلىش كېرەك؟ غەمگە پېتىپ تۇرغىنىمدا، كۈيئوغلۇم تېلېفون قىلىپ: «ئىشىك ئالدىغا دورا بىلەن كۆكتات  قويۇپ قويدۇم، سىلەر ئەكىرىپ كېتىڭلار، مەن ئۆيگە كىرمىدىم» دېدى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتىم، بىر خىل ئىسپىرت پۇرىقى دىمىغىمغا ئۇرۇلدى، يەرگە ئەمدىلا دېزىنفېكسىيە قىلىنغان بىر مال سېتىۋېلىش خالتىسى قويۇلغانىدى. مەن دەرھال ئېلىپ كىرىپ قارىدىم، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، يۆتەل توختىتىش دورىسى، دېزىنفېكسىيە دورىسى، ئانتىگېن ئۆلچىگۈچ، يەنە بىرمۇنچە كۆكتات، مېۋە بار ئىكەن. مەن كۈيئوغلۇمنىڭمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغىنىغا ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى، تېنىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئۆزى كېسەل تۇرۇپمۇ دورا ئەكىلىپ بېرىشى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى.

 دوستلارنىڭ ئەھۋال سورىشى، مەھەللىدىكىلەرنىڭ غەمخورلۇقى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشىدىن ئىللىق ئېقىم ھاسىل بولۇپ، ماڭا كۈچ- قۇۋۋەت بېرىپ، كېسەللىك ۋىرۇسىنى يېڭىشىمگە ياردەم قىلىپ، ناھايىتى تېزلا «مەنپىي»گە ئۆزگەردىم. 

 كېسەلدىن تولۇق ساقايدىم، ئىللىقلىق قەلبىمدە ساقلىنىپ قالدى. مەن قەلبىمنى ئىللىتقان دەقىقىلەرنى ھەمبەھىرلەشنى، مۇشۇنداق ئىللىق دەقىقىلەرنىڭ بىرلىشىپ كۈچلۈك باھار شامىلىغا ئايلىنىپ، مىڭلىغان- ئون مىڭلىغان ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى جىنجىخۇ كوچا باشقارمىسى خەيشاڭ مەھەللىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125